تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 118 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 118 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئاساس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنىنى تولۇق قېزىش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى ياخشىلاش، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «مىقدار» ۋە «سۈپەت» جەھەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، باغ - ئورمان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەت قاتارلىق خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارغا قارىتا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر»نى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك. ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى+» ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت كاپىتالىنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھازىرقى ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى كەسىپ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ماس ئالغا سىلجىتىلىدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەبلەغ، سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەبلەغ سېلىش كەسپىنى بىرىكتۈرۈش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.