تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتتى ساياھەتچى ئىجادكارغا ئايلاندى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى:

ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتتى ساياھەتچى ئىجادكارغا ئايلاندى

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى «يۈز يىللىق قەدىمىي چايخانا» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرىسى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى ئۈزۈلمەي كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 10دا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ياڭراق ناخشا ساداسى كوزىچى ياربېشى ئاسمىنىدا ياڭرىدى. بىر مەيدان داغدۇغىلىق شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ يېڭى بىر كۈنى باشلاندى!

شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر خۇشال - خۇرام، تەرتىپلىك ھالدا قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەرقايسى كوچىلىرىغا كىردى.

قىزىل خىش ياتقۇزۇلغان كوچىنىڭ بويلىرىدا ئۈجمە دەرىخى، سۆگەت دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئىلەڭگۈچ، ياغاچ ئورۇندۇقلار تاڭ نۇرىدا ئىللىق پارقىراپ تۇراتتى. باغچى كوچىسىنى بويلاپ ئالدىغا ماڭغاندا، بىر يېشىل رەڭلىك ياغاچ دەرۋازا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. مۇسې دەپ ئاتالغان بۇ پۇقراۋى قونالغۇدا جاڭ جيايى بىلەن ۋاڭ ۋېي بۈگۈنكى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە ياتاقلىرىمىزنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى، ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى تېخىمۇ بالدۇر كەلدى» دېدى جاڭ جيايى ياتاقلارنى تازىلىغاچ.

پۇقراۋى قونالغۇنىڭ 1 - قەۋىتى ئۇيغۇرچە خاسلىقتا بېزەلگەن بولۇپ، مىللىي خاسلىققا تولغان پەردە، نەپىس ياغاچ ئويمىلار ئۆيلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆركەملەشتۈرگەنىدى. بۇ يەرگە كىرگەن ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يەردە قېلىپ دەم ئېلىشنى ئويلايتتى.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، خېنەن جېڭجوۋدا تۇرۇشلۇق جاڭ جيايى بىلەن ۋاڭ ۋېي بىللە قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەنىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت قىلغاندا، ئۇ ئىككىسى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ تۇرالغۇغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. «ئەينى چاغدا بۇ تۇرالغۇنىڭ ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىمىز ئىجارىگە ئېلىپ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشنى قارار قىلدۇق.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىر كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغاندىن تارتىپ زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ توختام ئىمزالىغىچە پەقەت ئىككى سائەتلا ۋاقىت كەتتى.

«ئەينى چاغدا ئىككىلىمىزنىڭ جېڭجوۋدا خىزمىتىمىز بار ئىدى، لېكىن ئۆرپ - ئادەت پۇرىقى قويۇق تۇرالغۇ، ئۆزگىچە خاس مەززىلىك تائاملار، سەمىمىي ۋە قىزغىن ئاھالىلەر بىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. بىز قەدىمىي شەھەر ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي دەرھال جېڭجوۋغا قايتىپ خىزمىتىمىزدىن ئىستېپا بېرىپ، بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويدۇق» دېدى جاڭ جيايى.

ساياھەتچى ئىجادكارغا ئايلاندى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلدى.

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى پۇقراۋى قونالغۇلارنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بىزگە بىرگە بىر مۇلازىمەت قىلدى. بۇلتۇر پۇقراۋى قونالغۇنى بېزىگەن چېغىمىزدا، شىركەتنى باشقۇرىدىغان ئەخمەتجان مەمەت زېرىكمەي - تېرىكمەي بىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىمىزغا ياردەملەشتى. بەزىدە بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ بىزنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇردى، بىزنى مەززىلىك تائاملار بىلەن مېھمان قىلدى. ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى بولغاچقا، بىز بۇ يەردە ئەزەلدىن ئۆزىمىزنى ياقا يۇرتلۇقتەك ھېس قىلىپ باقمىدۇق» دېدى ۋاڭ ۋېي.

بۇ يىل چاغاندا، جاڭ جيايى بىلەن ۋاڭ ۋېي قەشقەردە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، خوگو يېدى، بىرىنچى قېتىم باشقا يۇرتتا چاغان ئۆتكۈزگەن ئۇلار قىلچە غېرىبسىنمىدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار پۈتۈن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى، قەشقەر ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك «تېز سۈرئەتلىك يول»غا تايىنىپ، «قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى + پۇقراۋى قونالغۇ»، مىللىي يېمەك - ئىچمەك، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ياسىمىچىلىقى قاتارلىق قويۇق خاسلىققا ئىگە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

«بۇ ئىككى يىلدا، قەدىمىي شەھەرنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر يىلى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئاز بولمىغان ساياھەتچىلەر كەلسىلا ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، بۇ يەردە قېلىپ ئىگىلىك تىكلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىدى» دېدى ئادىلجان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ تەرەققىياتى بىردىنلا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس ئىكەن، ئەمدىلا باشلانغاندا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشى، تارقاق تەرەققىي قىلىشىدىن ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىشقىچە، قەدىمىي شەھەردىكى پۇقراۋى قونالغۇلار پىلانلىق، قاراتمىلىق ھالدا ئىلمىي، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەم قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى، ھەم سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتى بېيىتىلدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى چوڭ - كىچىك پۇقراۋى قونالغۇلار تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەرنىڭ يەرلىك خاسلىققا ئىگە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئۇ يەنە قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى نام كارتىسى بولۇپ قالىدۇ» دېدى ئادىلجان.

مۇخبىر خاتىرىسى

«ئۆزگىچە ھۈنەر»گە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش

□ پەرىزات ئابدۇل

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلەكتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ 3 - كۈنىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلدى.

سەھەردىكى قەدىمىي شەھەر تاڭ - تۇڭ ئاۋاز ئىچىدە ئويغاندى. كوچىلاردا ئاستا - ئاستا ئادەملەر كۆپەيدى؛ ئۇزاق ئۆتمەيلا سامسا، كاۋاپ، ئۆپكە - ھېسىپ، لەڭپۇڭ، ئانار شەربەتلىرى تىزىلىپ كەتتى... ھاۋاغا تۈرلۈك مەززىلىك پۇراقلار سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىر كۈن باشلاندى.

ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش - ياساش، مىس ئويمىچىلىق ھۈنەر - سەنئىتى، ياغاچ بۇيۇملارنى ياساش، مىللىي چالغۇلارنى ياساش، دوپپا تىكىش... قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ماھىر ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بۇ يەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «ئۆزگىچە ھۈنەر»لىرىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

70 ياشلىق كۇلالچى تۇرسۇن رۇستەم قەشقەر ساپال غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ 7 - ئەۋلاد ۋارىسى، ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ساپال بۇيۇملىرىنى ياسىدى، بۇنىڭغا يېرىم ئەسىر بولدى. ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرسەك، تۆت تامنىڭ ھەممىسىگە ھەر خىل شەكىلدىكى ساپال بۇيۇملار تىزىلغان ھەمدە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۇۋاھنامىلەر لىق تىزىپ قويۇلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز قولىدىن چىققان بۇ نەپىس ساپال بۇيۇملار تۇرسۇننىڭ ھەر كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھىغا ئايلىنىپتۇ. ھەر قېتىم ئۇلارنى تىلغا ئالغاندا، تۇرسۇن بوۋاينىڭ قورۇق باسقان يۈزى ئىپتىخارلىق تەبەسسۇمىغا تولدى. تۇرسۇن بوۋاي بىرقانچە شاگىرتنى تەربىيەلەۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسى كۆپرەك شاگىرت تەربىيەلەپ، كۇلالچىلىق ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئىكەن.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، تۇرسۇنغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى پېشقەدەم ھۈنەرۋەنلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ پېشقەدەم ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سېتىشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنىڭ قول ھۈنىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە تارقىتىلىپ، ھەم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەسلىمىلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى، ھەم دەۋر دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى