تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى، ۋاڭ جۈنجېڭ سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئىگىلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈش، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، قاتناش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇچىلىق بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇش، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى بىرلىشىپ ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇپ، تەڭ باشقۇرۇش، پەن - تېخنىكا، مائارىپ جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، داۋالاش - سەھىيە بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇپ ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق يارىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش، كادىرلار - ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تارماقلار ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ۋىلايەت، شى ۋە ناھىيە، تۇەنلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىش، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش، باھالاش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەش مېخانىزمىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، رايون تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.