تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى كۆپ يۈزبېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈزبېرىش ھالىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

شى جىنپىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى كۆپ يۈزبېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈزبېرىش ھالىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەشكە، ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ۋە پۇل مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەشۋىقاتى ئارقىلىق تەربىيەلەش-ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ تۈردىكى جىنايەتنىڭ كۆپ يۈز بېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈز بېرىش ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

مەملىكەتلىك تېلېگراف-توردىكى يېڭى تىپتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، گوۋۇيۈەن تېلېگراف-توردىكى يېڭى تىپتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ باش چاقىرغۇچىسى جاۋ كېجى يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى كۆپ يۈزبېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈزبېرىش ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەركەز تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىندا مەملىكەت بويىچە تېلېگراف-توردىكى يېڭى تىپتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

گوۋۇيۈەن تېلېگراف-توردىكى يېڭى تىپتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ چاقىرغۇچىلىرى، 25 ئەزا ئورۇندىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك تېلېگراف - توردىكى يېڭى تىپتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ چاقىرغۇچىلىرى، ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەرقايسى جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.