ئائىلىدە، سۈن خۇڭشيا بىلەن فەن جياخۇي ئانا-بالىغا تېخىمۇ ئوخشايتتى (4-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، سۈن خۇڭشيا بىلەن فەن جياخۇي مەكتەپتىن قايتىش يولىدا پاراڭلاشماقتا.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، سۈن خۇڭشيا ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ سۇجېن فوتوسى، خەۋىرى): «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى ئېغىر، بىز پات-پات ئۇلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ تۇرىمىز.» 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنى ئوينىتىۋاتقان سۈن خۇڭشيا بىر تەرەپتىن پېشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتكەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ۋۇخەنگە قايتىمەن، ئالتە يىل بولدى، بۇ يەرگە ھەقىقەتەن قىيالمايۋاتىمەن».
2015-يىلى، ۋۇخەن شەھىرى گۇاڭگۇ 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈن خۇڭشيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بورتالا تارماق مەكتىپىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسى بولدى. سۈن خۇڭشيا ئۆزى يېتەكلەيدىغان تولۇق 1-يىللىق 7-سىنىپقا «چۇسى سىنىپى» دەپ ئىسىم قويۇپ، ۋۇخەن گۇاڭگۇ 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ دەرس ئۆتۈپ، ناھايىتى تېزلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
2018-يىلى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشتى، سۈن خۇڭشيادا بۇ يەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت پەيدا بولغانىدى. ئۇ يەنە ئۈچ يىل ئىشلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى قارار قىلدى. تەشكىل تەستىقلىغاندىن كېيىن، سۈن خۇڭشيا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىدى. بۇ قېتىم، ئۇ ئىككى سىنىپقا ئىنگلىز تىلى دەرىسى ئۆتكەندىن باشقا، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى.
2019-يىلى، سۈن خۇڭشيانىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى فەن جياخۇي ئۇنىڭ سىنىپىغا تەقسىم قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى.
دەسلەپتە، فەن جياخۇينىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئىدى. سۈن خۇڭشيا فەن جياخۇينىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەتتە ئارشاڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بالىسىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدى. فەن جياخۇينىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سۈن خۇڭشيا ئۇنى ئۆزىنىڭ ياتىقىغا كۆچۈرۈپ كەلدى ھەم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سىستېمىلىق ئۆگىنىش پىلانى بېكىتىپ بەردى. ئەجىر يەردە قالمىدى، بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، فەن جياخۇينىڭ سىنىپتىكى نەتىجىسى ناھايىتى تېز كۆتۈرۈلدى. «دەرسخانىدا، ئۇ ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان ئوقۇتقۇچى؛ تۇرمۇشتا، ئۇ قىزغىن، مۇلايىم ئانا» دېدى فەن جياخۇي ھاياجانلانغان ھالدا.
ئالتە يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋامىدا، سۈن خۇڭشيا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئۇ يەنە ئۆزىگە ئۇلانتۇيا دەپ موڭغۇلچە ئىسم قويدى. «بۇ ئىسىم ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولىدۇ» دېدى سۈن خۇڭشيا.