تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسى جۇڭگو قەلبى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن كېۋەز تۈپىنىڭ غوزا تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىشچىلار ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە يىپ ئېگىرمەكتە. □ئەنۋەرجان ئىمىن فوتوسى

ئىشچىلار ئاپتونوم رايونلۇق پاختا - چىگە شىركىتى ئۈرۈمچى پاختا - چىگە پونكىتىدا يېڭى پاختىلارنى يۆتكىمەكتە (2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تارتىلغان). □جاڭ شيۇكې فوتوسى

كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى تاخماق كەنتىدىكى تېرىلىپ بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىك (3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). بۇ شەھەردىكى 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزنىڭ 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تېرىلىپ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى خوخۇت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يارمەمەت ئابدۇراخمان (سولدا) سولياۋ يوپۇق توشۇماقتا. 2016 - يىلى، يارمەمەت 12 كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كېۋەز تېرىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى يول باشلايدىغان شوپۇرسىز تىراكتور ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى گۈلئاۋات كەنتىدە كېۋەز تېرىماقتا. بۇ ناھىيە بۇ يىل 470 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 335 مىڭ مو يەردىكى پاختا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىكەن. □يەن شوۋلىن فوتوسى

چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا ( 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تارتىلغان). □چاڭ شۆخۇي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

باھار تىيانشانغا يېتىپ كەلدى، بارچە شەيئى قايتىدىن ئويغاندى. كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلىقتا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى گۈرۈلدەيتتى، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. گۈزەل باھاردا، ئۇلار جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل «گۈل»نى تېرىماقتا.

شىنجاڭ پاختىسى، ئاپئاق نۇقسانسىز «گۈل» كەڭ تەبىئەتتىكى قۇياش نۇرى ۋە شەبنەمنىڭ سوۋغىسى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئەمگىكى ۋە تەرى بىلەن ئېرىشكەن «گۈل»، يۇرتىمىزنىڭ بىپايان تۇپرىقى جاپاكەش ئەمگەكچىلەرگە ھەدىيە قىلغان بەخت مېۋىسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ. يېقىملىق باھار شامىلىدا بىز كېۋەز تېرىدۇق، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئۈمىدىنى تېرىدۇق، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى تېرىدۇق.

دۇنيا پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا نەزەر سېلىندى، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا نەزەر سېلىندى. شىنجاڭلىقلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ پاختىسى جۇڭگو پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %90كە يېقىنىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 27 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، تۈركۈملەپ مەشغۇلات قىلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسى كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى. ھەربىر باھاردا، كىشىلەر كېۋەز تېرىيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو پاختىسى، دۇنيا پاختىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى تېرىيدۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۆسكەن شىنجاڭ پاختىسى ئىپتىخارلىق گۈلى، تېخىمۇ مۇھىمى بېيىش گۈلى، بەخت گۈلى. ئاپئاق پاختىلار پاختىكارلار، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ھەمدە ئىشچىلارنى تولۇپ تاشقان بەختكە ئېرىشتۈردى. قۇياش نۇرى ۋە ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسى ئۈچۈن، بىز تەر ئاققۇزىمىز، بوران - چاپقۇندىن قورقمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە ئەخمەت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش