تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى

(2021 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى

(7-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىدا 2021 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2021 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى

2021 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب  خىزمەت مەسئۇلىيىتى

3 - باب  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

4 - باب  تەشۋىق - تەربىيە

5 - باب  بەرپا قىلىش، تەقدىرلەش

6 - باب  كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىش

7 - باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

8 - باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش، ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا - بازار (كوچا) بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇن بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3 - ماددا شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يازغان، شىنجاڭنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان.

4 - ماددا ھەرقايسى مىللەتلەر بىر - بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

5 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر بابباراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

6 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى، كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇش جەھەتتە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

7 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىدە، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش، نەمۇنە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

8 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قەستەن بۆلگۈنچىلىك سالغان، مىللىي كەمسىتىشكە ۋە ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، قەبىھ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ.

9 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە نەمۇنە كوللېكتىپ، نەمۇنە شەخس دەپ نام بېرىشى ھەمدە تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2 - باب  خىزمەت مەسئۇلىيىتى

10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

11 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون، ئۈلگە رايون بەرپا قىلىش يىرىك پىلانىنى ئايرىم - ئايرىم تۈزۈپ، نىشان - ۋەزىپە، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، خىزمەت تەدبىرى، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون بەرپا قىلىشنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يانداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

12 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ۋە چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

13 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپكە، ئائىلىگە، كەنت(مەھەللە)كە، تۇەن - مەيدان، ليەندۈيگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاپتونوم رايون، ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا - بازار (كوچا)، شەھەر ئاھالە كومىتېتى(كەنت ئاھالە كومىتېتى)دىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت، داڭلىق كوچىنى قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش، يۇغۇرۇش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىنىدۇ.

14 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزنالىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ۋە مۇزېي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىلىرى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېلېمېنتلارنىڭ مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىغا كىرىشىگە، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت سورۇنى، ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلىشىش، تۇغقانلىشىش، يوقلاش، ئۆزئارا ھەرىكەتلىنىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

16 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەنتەربىيە بازىسى ۋە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى قېزىپ، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

17 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قانۇن ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشى، ئىشلىتىشىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى بىر، دىلى بىر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغانلار مۇناسىپ شارائىت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىلىدۇ.

18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەرقايسى مىللەتلەر گىرەلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر - بازارلاردا گىرەلىشىش شەكلىدىكى مەھەللىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گىرەلىشىش شەكلىدىكى يېزا - كەنتلەرنى قۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ھەرىكەتلىنىشى، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى، بىرلىكتە ئىشلىشى، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەھەللە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەھەللىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ھەمكارلىشىشى، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

20 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپ، كەنت - گۇرۇپپىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپ بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر، يەسلىلەردە سىنىپلارغا ئارىلاش ئايرىپ، ياتاقتا ئارىلاش ياتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى ئۆسمۈرلەر - بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت بالىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئورتاق ئۆگىنىش - تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش - ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلار بىر گەۋدىلەشكەن، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، تەكشى تەرەققىي قىلغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

23 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باشقا ئۆلكە(رايون، شەھەر) گە بېرىپ ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، باشقا ئۆلكە(رايون، شەھەر)لەردىكى تېخىمۇ كۆپ خادىملارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشى، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى، ئىشلىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن باشقا ئۆلكە(رايون، شەھەر)لەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

24 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئارتۇقچىلىقلار ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

25 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارمىيە - يەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇرۇشلۇق جايىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ۋە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

26 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

27 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش، مۇكاپاتلاش - جازالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ئۆز ئورنى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

3 - باب  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

28 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر مىللەت ئامما دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

29 - ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ساھە جەمئىيەتلىرى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

30 - ماددا ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، ئىلمىي تەشكىلات قاتارلىقلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتى، ئارخېئولوگىيەلىك نەق نەرسىلەر، مەدەنىيەت ساقلانمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تارىخىي ماتېرىيال مەدىتى ۋە نەزەرىيە نەتىجىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

31 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش - باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. سىنىپقا كىرگۈزۈش، ياتاققا كىرگۈزۈش، ئاشخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئائىلە باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.

32 - ماددا تۈرلۈك دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن - نىزاملارنى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنى ئاڭلىق توسۇشى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

33 - ماددا تۈرلۈك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى باشقۇرۇشقا ۋە ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇن، نەمۇنە ئىسمېنا - گۇرۇپپا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

34 - ماددا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، خەۋەرلىشىش، دوختۇرخانا، بانكا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال - بېكەت، مېھمانساراي، ئاشخانا، خوجىلىق مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك كۆزنەك ئورۇنلار ۋە ئاممىۋى سورۇنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

35 - ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى (كەنت ئاھالە كومىتېتى) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغان، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

36 - ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىدىيەسى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىشى، پەرزەنتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بىلىملىرى ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسى ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ياخشى پەزىلەت ئارقىلىق ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تىكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

37 - ماددا مىللەتلەرنىڭ گىرەلىشىش شەكلىدىكى مەھەللە، گىرەلىشىش شەكلىدىكى يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىشلەش، ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

38 - ماددا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش كېرەك.

4 - باب  تەشۋىق - تەربىيە

39 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۇرمۇشقا يېقىنلىشىپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەر يىلى 5 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى، ئاي ئارقىلىق يىلغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

40 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(2) يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاسراشقا، قەدىرلەشكە يېتەكلەش؛

(3) ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملار تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش؛

(4) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش؛

(5) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ جاينىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىخىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا بولغان دۇنيا قاراش، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا دائىر تەربىيە بېرىش، ئۇلارنى يېتەكلەش؛

(6) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قان تومۇرىغا تۇتاشتۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيلىككە سىڭدۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش. ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىنقىلاب تارىخى تەربىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتىنى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛

(7) ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە ھەققىدىكى توغرا تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇش؛

(8) دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش؛

(9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپ، شەخسلەر، ئەتراپىمىزدىكى تىپىك نەمۇنىلار تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

(10) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش.

41 - ماددا تەشۋىقات، مەدەنىيەت، تور ئۇچۇرى قاتارلىق تارماقلار، ئورۇنلار شىنجاڭنىڭ ئىناق - مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، گۈللەپ راۋاجلىنىۋاتقان، كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بولغان يېڭى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر، سەنئەت ئەسەرلىرى، رادىيو - تېلېۋىزىيە - كىنو پىروگراممىلىرى ئىجادىيىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، «ئالاقە تورى + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تور ئىچى ۋە سىرتىدا يۇغۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

رادىيو - تېلېۋىزىيە، كىنو، گېزىت - ژۇرنال، نەشرىيات قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلار، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلار جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

42 - ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى دەرسلىككە كىرگۈزۈشى، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلىم - تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما تەربىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

43 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى)، كادىرلار شۆيۈەنلىرى، سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەت سىياسىتى ۋە مىللەتلەر بىلىملىرىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەربىيەلەش پىلانى ۋە تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى، ۋەزىيەت - سىياسەت تەربىيەسى ۋە ئالماشتۇرۇش - تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسەت سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ھەر خىل تەلىم - تەربىيە ئاپپاراتلىرى، تەربىيە بازىلىرى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى)، ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەشۋىق - تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

44 - ماددا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى ساياھەتچىلىك ساھەسى تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، توغرا يۆنىلىش ئارقىلىق ساياھەت بازىرى، مەنزىرە رايونى، داڭلىق جايلارنىڭ يازما چۈشەندۈرمىسى ۋە ساياھەت يېتەكچىلىرى چۈشەندۈرمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ساياھەت مەنزىرە رايونى سۈرەت، سىن، تەشۋىقات تاختىسى، تەشۋىقات قوللانمىسى، ئېلان بەلگىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنزىرە نۇقتىسى تەشۋىقاتىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىدىيەسىنى تارقىتىشى كېرەك.

45 - ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقى شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي خادىملارغا قانۇن - نىزام، مىللەت - دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا ئائىت تەشۋىق - تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

5 - باب  بەرپا قىلىش، تەقدىرلەش

46 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ ئورگانغا كىرىشى، مەكتەپكە كىرىشى، كارخانىغا كىرىشى، يېزا - بازار(كوچا)غا كىرىشى، كەنت(مەھەللە)كە كىرىشى، ھەربىي (ساقچى) گازارمىسىغا كىرىشى، تۇەن - مەيدان، ليەندۈيگە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا كىرىشى، مەنزىرە رايونىغا كىرىشى، كۆزنەك ئورۇنغا كىرىشى، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش، نام بېرىش ۋە نەمۇنىلارنى سايلاش، تەقدىرلەش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

باھالاپ نام بېرىش ۋە سايلاپ تەقدىرلەش ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، نام بېرىش ۋە نەمۇنىلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

47 - ماددا ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا - بازار (كوچا) قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە رايونلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش؛

(2) پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى مۇكەممەل بولۇش، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇش، ماسلاشتۇرۇشى، ماسلىشىشى زىچ بولۇش؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى چوڭقۇر، پۇختا بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش؛

(5) دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش؛

(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرغان، كۆپ قاتلامدا، كۆپ خىل شەكىلدە ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلغان، ئۆزئارا ھەرىكەتلەنگەن بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى كۈچەيگەن بولۇش، گىرەلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش؛

(7) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى سىجىل ياخشىلانغان، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن بولۇش؛

(8) سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى پۇختىلىغان بولۇش؛

(9) شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەل، ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇش؛

(10) مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن بولۇش؛

(11) دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرغان، دىنلار ئېجىل - ئىناق بولغان بولۇش؛

(12) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشقا باشقا تۆھپە قوشقان بولۇش.

48 - ماددا ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، كەنت (مەھەللە)، ھەربىي (ساقچى) گازارمىسى، تۇەن - مەيدان، ليەندۈي، دىنىي پائالىيەت سورۇنى، مەنزىرە رايونى، كۆزنەك ئورۇن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلاردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش؛

(2) پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە تەشكىللەش كۈچلۈك، مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەدبىرلەر جايىدا بولۇش؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبكە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن بولۇش؛

(5) دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ئاشقان، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش؛

(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرغان، ھەر مىللەت ئامما كەڭ ئالاقىلىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بولۇش؛

(7) جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئېسىل ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغان بولۇش؛

(8) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە باشقا تۆھپە قوشقان بولۇش.

49 - ماددا بىر دەرىجە يۇقىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇن بولۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئاۋۋال شۇ دەرىجىلىكنىڭ ئۈلگە نامىنى ئالغان بولۇشى كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە ئورۇنلارنى باھالاشتا سىستېما بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەڭ دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

50 - ماددا ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇننى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرتىپ بويىچە باھالايدۇ، نام بېرىش قارارى چىقىرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇن نامىغا ئېرىشكەنلەر ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بىر قېتىم مۇكاپاتلىنىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇنلارنى بەرپا قىلىشتا 5 يىل بىر دەۋر قىلىنىدۇ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، مۇددىتى توشقاندا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

51 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپ، نەمۇنە شەخسلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قىزغىن سۆيۈشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشى، قەتئىي تۈردە ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى، قانۇن - نىزامغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(2) ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(3) شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، گىرەلىشىش شەكلىدىكى مەھەللە، گىرەلىشىش شەكلىدىكى يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(5) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ باشقا ئۆلكىلەر (رايونلار، شەھەرلەر) بىلەن كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(6) ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(7) ئۇزاق مەزگىل مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(8) دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(9) چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(10) ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش؛

(11) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا باشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇش.

52 - ماددا ئاپتونوم رايون ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلەرنى سايلايدۇ، تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ. ئىش ئىزلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك، تەسىرى ئالاھىدە زور بولغان كوللېكتىپ ياكى شەخسلەرگە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە دەپ ۋاقتىدا نام بېرىدۇ. ئوبلاستلار (شەھەرلەر، ۋىلايەتلەر) ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم، ناھىيەلەر (شەھەرلەر، رايونلار) ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلەرنى سايلاپ تەقدىرلەيدۇ.

سايلاش، كۆرسىتىش خىزمىتىدە ئاساسىي قاتلامغا ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى جاپالىق رايونلار، چېگرا رايونلار، يېزىلار، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسىنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. سانى، نىسبىتى ئاپتونوم رايوننىڭ سايلاش، تەقدىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

6 - باب  كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىش

53 - ماددا ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

ئوبلاستلار (شەھەرلەر، ۋىلايەتلەر)، ناھىيەلەر (شەھەرلەر، رايونلار) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىدۇ.

54 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نەتىجە - ئۈنۈم باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى ۋە يىللىق نىشان باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالىشى كېرەك.

55 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، تەقدىرلەش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

56 - ماددا مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مىللەتلەر خىزمىتى جەھەتتىكى جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار ۋە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ئەدلىيە مۇرەسسەسى ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت سىستېمىسى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇنلۇق ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.

57 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئاز دېگەندە ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

58 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا دۆلەت ئورگىنىغا تەنقىد، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزۈش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7 - باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

59 - ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

60 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش داۋامىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار تارماق بىلەن بىرلىكتە، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، تەقدىرنامىسى، مۇكاپاتىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىنىڭ ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ:

(1) مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(4) شان - شەرەپكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئەينەن ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغانلار.

61 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۆز ئورنى، مۇناسىۋەتلىك تارماق تەنقىد - تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئومۇم ۋەزىپىسىدىكى خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئېلان قىلغان ۋە تارقاتقانلار؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى ياسىغان، تارقاتقانلار؛

(3) مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغانلار، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولمىغانلار، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تارقىتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

62 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان، جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

8 - باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

63 - ماددا بۇ نىزام 2021 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.