تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتۇمغا قارا چاپلاشقا يول قويمايمەن

□بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دىلشات ئابدۇراخمان

پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان يالغان - ياۋىداق سۆزى ۋە بىمەنە سەپسەتىلىرى كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.

مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك كادىر. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، مەن بىر ئاددىي خەلق ساقچىسىدىن رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن بورتالا ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدۇم، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 30 يىل ئىلگىرىكى بورتالا ئوبلاستىدا پەقەت بىر پاتقاق بولۇپ كەتكەن چىندېل كوچىسى، بىرنەچچە كىچىك بىنا بار ئىدى، بىر كوچا مەركىزىي باغچىسى بورتالا ئوبلاستىدىكى بىردىنبىر ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى ئىدى. بۈگۈنكى بورتالا ئوبلاستىغا نەزەر سالساق، ئىقتىساد سىجىل، تېز راۋاجلاندى، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، زامانىۋى قاتناش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش شارائىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىز ھەربىرىمىز ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئەمەلىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر قېتىمدىلا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، قولاي - تېز بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش، پەقەت بىر قېتىملا قاتراش» قاتارلىق چېگرادىن كىرىش - چىقىش كىنىشكىسىنى بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرى 2 - ئەۋلاد كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە كىملىك بېجىرىش، كىملىكنى پوچتىدىن ئۆيىگە ياكى خىزمەت ئورنىغا ئەۋەتىپ بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويدى؛ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يان تېلېفون APP «قاتناش باشقۇرۇش 123»نى يولغا قويۇپ، يان تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇردى. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاممىنىڭ بېرىش - كېلىش قېتىم سانىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى!

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن كېيىن، مەن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ۋە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. يۇقۇم مەزگىلىدە، مەن تۇرۇۋاتقان مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى، خادىملارنى قەرەللىك تەشكىللەپ خېسۇەن تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى، ئائىلىسىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز نورمال ھالەتكە قايتتى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتىمىز، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىمىز.

يۇرتۇمغا قارا چاپلاشقا يول قويمايمەن. پومپېئو، جېڭ گوئېن، سىلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋالىرىڭلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئەسلا توسۇپ قالالمايدۇ، سىلەرنىڭ سۇيىقەستىڭلار بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.