تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئو، جېڭ گوئېن مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ۋە ھېساب ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ

□بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابلىمىت ھۈسەن

پومپېئو، جېڭ گوئېن، سىلەرنىڭ بىمەنە قىلمىشىڭلارغا قارىتا، مەن بىلىدىغان ھەقىقىي ئەھۋال ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، سىلەر بىلەن دېيىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايمەن.

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، مەن ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەندىم، تۇرمۇش كەچۈردۈم، خىزمەت قىلدىم، بىز ناھايىتى يېقىن ئۆتىمىز، ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز، بىز ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق باش تېمىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامدا سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدۇق؛ كورلا شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن تۆتىگە نام بېرىپ، 130 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭغا قاتناشقان ئامما جەمئىي 14 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ يېزىلاردا 24 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كىنوسى قويدۇق، كۆرگەن ئادەم سانى 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بىز يەنە 412 كەنتتە ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت پونكىتى، 180 مەھەللىدە ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مەركىزى قۇردۇق. بىر يىلدا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى يۆلەش ۋە ياردەم پۇل بېرىش ئۈچۈن ئاجراتقان مالىيە تۈر مەبلىغى 41 مىليون 140 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابىسى توپىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، مانچۇكېزابخان ۋاڭ ئوردىسى ئەسلىي گەۋدىسىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، يۈزىگەن، بۇغداچىن قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ، چاپخا قەدىمىي قەبرىستانلىق توپىنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى، يىڭپەن قەدىمىي شەھىرى ھەم قەدىمىي قەبرىلەرنى قوغداش خاراكتېرلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلاندى.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە، ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان، ئونلىغان - يۈزلىگەن پومپېئو، جېڭ گوئېن بولغان تەقدىردىمۇ بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

پومپېئو، جېڭ گوئېن، سىلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى تارقىتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدۇڭلار، بۇ پەقەت سىلەرنىڭ ناچار پەزىلىتىڭلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل غەرىزىڭلارنى ئىسپاتلايدۇ.

ھەققانىيەت بەلكىم كېچىكىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن كەلمەي قالمايدۇ. پومپېئو، جېڭ گوئېن مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ۋە ھېساب ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.