تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆز چوقۇم ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

□پوسكام ناھىيەسىدىكى پاختىكار روزى مەمەت

مەن پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئۈستۈنكى گۈلباغ كەنتىدىكى پاختىكار، بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم. كېۋەز تېرىغان بەش يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ھەميېنىم بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرىممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. يېقىندا توردىن بىر قىسىم چەت ئەل ماركىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ شىنجاڭ پاختىسىنى توسقانلىقىنى بىلدىم، بۇنىڭغا مەن كۈچلۈك قارشى تۇرىمەن! مەن ئۆزۈمنىڭ كېۋەز تېرىش ھېكايەم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تامامەن ئاغزىغا كەلگەننى جۈيلۈگەنلىكىنى ئىسپاتلايمەن.

2014 - يىلى، مەن ئاقسۇغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ كېۋەز تېرىپ كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن مەندە كېۋەز تېرىش ئويى پەيدا بولدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ماڭا كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى ئۆگىتىدىغان جاينى ئالاقىلىشىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىم. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، مەن ئاقسۇغا بېرىپ ئۆگەندىم، ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن كەنتتە يەر ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىشقا باشلىدىم. تۇنجى قېتىم تېرىشىم بولغاچقا، تەجرىبەمنىڭ كەمچىللىكىدىن كېۋەزگە قۇرت چۈشۈپ كەتتى، دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاندىن كېيىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، مەن پاختا ھوسۇلىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتىم. كەنت كادىرلىرى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى، ئۇلار كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كېۋەز تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدۇم. ئەمما، پاختىنى كىمگە سېتىپ بېرىمەن، قەيەرگە ساتىمەن؟ كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە ماڭا ياردەملىشىپ پاختا سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى. پاختىنى ساتقاندىن كېيىن، يانچۇقۇمدىكى لىققىدە پۇلنى سىلاپ قەلبىم شادلىققا تولدى! كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ يەرنى ھۆددىگە ئالدىم، ھازىر 100 مو يېرىم بار. ھەر قېتىم پاختا يىغىۋالىدىغان ۋاقىت بولغاندا، ئائىلىمىزدىكىلەر يېتىشىپ بولالماي، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنى ياردەملىشىشكە چاقىرىمىز، ھەرئايدا ئۇلارغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش بېرىمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن كېلىشنى خالايدۇ. بىزگە ئوخشاش ئىشچان بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ بايلىق يارىتىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى قانداقمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان» دېگىلى بولسۇن؟

ھازىر، بىز شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلار ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا شىنجاڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ! ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى چوقۇم ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.