تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى:

خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

يېقىنقى مەزگىلدە، قىسمەن خەلقئارا ماركىلار ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سودا پائالىيىتىدە شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىشىگە قارىتا شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ! شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىركىتىمىز ئاز سانلىق مىللەت يېڭى خىزمەتچىدىن 52نى كۈتۈۋالدى. ئەمدىلا پويىزدىن چۈشكەن ئۇلاردا ئائىلىسىدىن ئايرىلغاندىكى جىددىيلىشىش ھەم يېڭى مۇھىتقا بولغان ئىنتىلىش، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد بار ئىدى. بىز يېڭى خىزمەتچىلەرگە ئازادە ياتاق تەييارلاپ بەردۇق، يېپيېڭى يوتقان - كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاپ بەردۇق. شىركەت يەنە ئالايىتەن ساياھەت چوڭ ئاپتوبۇسى ئىجارىگە ئېلىپ خىزمەتچىلەرنى ئىشقا بارغاندا، ئىشتىن چۈشكەندە توشۇدى، ئۇلارنى مەززىلىك مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىدى، ھەم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» بويىچە خىزمەتچىلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى ياخشى بولغان خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.

2020 - يىلى چاغاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن، شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزدى. شىركەت مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى، باش دىرېكتور ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىركەتتە قېلىپ بايرام ئۆتكۈزگەن بارلىق خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە «جەم بولۇش تامىقى» يەپ، پوجاڭزا ئاتتى... ھەربىر خىزمەتچى بەكلا خۇشال بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى: بۇ يەردە چاغان ئۆتكۈزسىمۇ ناھايىتى بەختلىك بولىدىكەن، دېيىشتى.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتكە كەلگىنىگە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، ئۇلار بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدى، ئادەتتە ئىشلەيدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا دوستلىرى بىلەن كېلىشىپ، بازار ۋە باغچە ئايلىنىدۇ؛ ئۇلار پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى، ئايلىق كىرىمى خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى 2000 يۈەندىن 4000 - 3000 يۈەنگە ئۆستى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بەزى كىشىلەر يەنە بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇشنى پىلانلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى: ھازىرقى تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۈمىدكە تولدۇق، دېيىشتى.

بۇ يەردە ئۇلار ئەركىن ھەم خۇشال، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» يوق، پەقەت باراۋەرلىك ۋە ئىختىيارىيلىقلا بار. ئاشۇ ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېگەن ئەيىبلەش پۈتۈنلەي ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يامان غەرەزلىك يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بولۇپ، مەقسىتى جۇڭگوغا قارا چاپلاش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.