تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ

شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى:

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش بولۇپ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل. شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلەر ئالدىدا، ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆبە شۆيۈەنىدىكى قىرغىز ساۋاقداش تولۇمتاي تۇردى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە يولسىز ئەيىبلەشلەرگە قايتۇرما زەربە بەردى. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، تولۇمتاي تۇردى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز كىچىك نىشان بەلگىلەپ، ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى. چېگرا سىرتىدىكىلەر توقۇپ چىققان ئاز سانلىق مىللەتلەر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى» دېگەن پىتنە - ئىغۋالارغا قارىتا ئۇ ئىنتايىن غەزەپلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەتتىكى ھەقىقىي ھېكايىلىرىمىز ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى پىتنە - ئىغۋالارغا قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

ماشىنىسازلىق تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنىدىكى ئۇيغۇر ساۋاقداش شېرىنئاي ئىمىن مارالبېشى ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، چېگرا سىرتىدىكى ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئۇ ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىز 22 مو يەرگە كېۋەز تېرىيدۇ، ئون يىل ئىلگىرىلا ماشىنىلاشقان ئۇرۇق تېرىش، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. كېۋەز تېرىپ ئېرىشكەن كىرىم ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، يەنە مەن ۋە ئىككى سىڭلىمنىڭ مائارىپ چىقىمىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى. كېلەر يىلى ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاشتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە، پاختا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل گۈل ئىدى.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەكتىپىمىز توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، زاكاز قىلىش شەكلى ئارقىلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك بويىچە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 675 كىشىنى يېتىشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ساھەسى بويىچە كەسپىي تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش خادىمىدىن 556 كىشىنى، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىدىن 350 كىشىنى تەربىيەلەپ، قېرىنداش كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلىرىگە 200دىن ئارتۇق غوللۇق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بىز ھەر يىلى كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىمىز. شۆيۈەننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇنداق دېدى: «بىز ئەزەلدىن قانداقتۇر <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> دېگەننى ئاڭلاپ باقمىدۇق، چېگرا سىرتىدىكى بەزى كارخانىلار شىنجاڭغا بۇنداق ھۇجۇم قىلىپ، نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟» ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ساھەسى ھەم كارخانىلىرىنى تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ماھارەت بويىچە باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، توقۇمىچىلىق ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ساھەسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ۋە بوھتان چاپلىشىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىمىز».

شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەرمىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى بىتچىت قىلىپ، شىنجاڭدىكى تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يالغان - ياۋىداق سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ پاكىتقا ئايلىنالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.