تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياخشى جاي »ناملىق ئاۋسترالىيەگە قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئاۋسترالىيەگە قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار بىرقانچە كىشى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە ئىشىنىشكە رازى بولدىكى، ئەمما شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى؛ جۇڭگوغا قارشى ئاز ساندىكى كۈچلەرنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىغا ماسلىشىشقا رازى بولدىكى، ئەمما شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغان، ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پاكىتقا توغرا كۆز بىلەن قاراشنى خالىمىدى. بۇنى بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز! شىنجاڭ ئىشلىگەن بارلىق ئىشلار ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. بىز كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

پىكىر ئالماشتۇرۇش نەق مەيدانىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي زاتلار، ئامما ۋەكىللىرى ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى.

ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ «ئاۋسترالىيەلىكلەر گېزىتى» «پۇل مۇئامىلە ئوبزورى» «سىدنېي ئەتىگەنلىك ئاۋانگارتلار گېزىتى»، ئاۋسترالىيە تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق تاراتقۇ ۋە ئاپپاراتلىرى ھەمدە مۇستەقىل ئىلىم ئەھلىلىرى بۇ قېتىمقى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.