تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆچۈرۈلگەن پاختىكارلارنىڭ «تەبىئەتكە تايىنىپ ھوسۇل ئېلىش»تىن مۇقىم پايدىغا ئېرىشىشىگىچە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«ئەتە، گۇرۇپپىمىز باشقۇرۇشىدىكى 800 مو يەرنى تېرىشنى باشلايمىز. ئېغىر ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا قىلىدۇ، بىز پەقەت يېپىپ بولۇنغان سولياۋ يوپۇققا كەتمەن بىلەن توپا تاشلاپ، بوراننىڭ سولياۋ يوپۇقنى ئېچىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالساقلا بولىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى قاراقۇم كەنتىدە، 28 ياشلىق مەرەمنىساخان ھەسەن ئۆزىنىڭ «يەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى» ۋىيشىن توپىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

«بالام، خاتىرجەم بولۇڭ! بىز بۇ يىل تېخىمۇ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتتۇق، 800 مو يەردىكى كېۋەزنى چوقۇم ياخشى تېرىپ، ياخشى پەرۋىش قىلىمىز» دېدى توپ ئەزاسى راخمان سەمەت جاۋاب قايتۇرۇپ.

ئەتىسى سەھەردە، مەرەمنىساخان قوتاندىكى قوي، كالىلارغا يەم بېرىپ بولۇپ، موتوسىكلىتىنى مىنىپ ئۆيدىن چىقتى. ئۇ ئېتىز بېشىغا كېلىپ، ئىشلارنى تەقسىملەشكە باشلىدى. تەكشى سالا ئېتىزلاردا تىراكتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى، كەتمەننىڭ يەر چاپقان ئاۋازى ۋە كۆپچىلىكنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى ئارىلىشىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مېلودىيەسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

نەچچە يىل ئىلگىرىكى كېۋەز تېرىشتا «تەبىئەتكە تايىنىپ ھوسۇل ئېلىش»تەك ئەھۋالنى ئەسلەپ، مەرەمنىساخان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ياخشى سىياسەت كۆپچىلىكنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، مېنىڭ ئائىلەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراقۇم كەنتىدىكى 17 دېھقان ئائىلىسى قۇملۇقتىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كەلگەن ياخشى سىياسەتلەرگە ئۈلگۈردۇق. ئوخشاشلا كېۋەز تېرىش بولسىمۇ، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز قەرز ئېلىشتىن غەم قىلمايدىغان، ھوسۇل ئېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان، بولۇپمۇ پاختا تېرىشتىن ۋايسىمايدىغان بولدۇق.

قاراقۇم كەنتىدىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى قۇملۇقنىڭ چېتىدە ياشايتتى، يەرلىرى قۇم بارخانلىرىغا يېقىن بولۇپ، يەر تېرىشتا «تەبىئەتكە تايىنىپ ھوسۇل ئالاتتى». مەرەمنىساخان بىلەن ئېرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشسىمۇ، بىر مو كېۋەزلىكتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 كىلوگىرام چىگىتلىك پاختا ئالاتتى، ئائىلىسىنىڭ 39 مو يېرىدىن يىلدا ئارانلا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايتتى. «ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى تېخى يۇقىرى ھېسابلىناتتى» دېدى راخمان.

شايار ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2017 - يىلى چەت، يىراقتىكى تارقاق ئائىلىلەر كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارغا يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، يەنە تېرىلغۇ يەر بۆلۈپ بەردى.

«قۇم بارخانلىرىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن، سۇغىرىش مەسىلىسى ھەل بولدى، بىز بىر تەرەپتىن كېۋەز تېرىپ، بىر تەرەپتىن ھويلىغا كۆكتات تېرىساق بولىدۇ» دېدى مەرەمنىساخان. كەنت ئاھالىلىرىنى خۇشال قىلغىنى شۇكى، بۇ بىر يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 500 مىڭ مولۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر قۇرۇلۇشى شايار ناھىيەسىدە يولغا قويۇلدى، قاراقۇم كەنتى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەر ئوبوروتى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەنت. كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يەرنى كارخانا ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى، ئۇلار ھېچقانداق خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بىر مو يەردىن 700 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى يەردىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياش سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىر قىسىم ئاياللار، ھەمدە يەر تېرىشقا ئادەتلەنگەن كەنت ئاھالىلىرى كارخانىغا بېرىپ يەر باشقۇرۇپ پۇل تېپىشنى تاللىدى.

مەرەمنىساخان مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ كارخانا قاراقۇم كەنتىدىكى %80 يەرنى ئوبوروت قىلىدىغان بولۇپ، ئىشلىگىلى كەلگەن يەر باشقۇرۇش ئىشچىلىرى 12 «يەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى»غا بۆلۈندى. مەرەمنىساخان ئۆگىنىشنى خالىغاچقا، ئىشلەشنى خالىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر «يەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى»نىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

كارخانىدا بىر مو يەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرسا، 150 يۈەن ھەققە ئېرىشىدۇ. كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىر ئادەم 200 مو يەرنى باشقۇرالايدۇ. يەر ئىجارە كىرىمىنى ھېسابلىمىغاندا، مەرەمنىساخان يېرىم يىلدىلا 30 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ تاپقان كىرىمىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مۇخبىر كېۋەز تېرىش چوڭ ناھىيەسى شايار ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولغاندا، شۇ جايدا قاراقۇم كەنتىگە ئوخشاش نۇرغۇن كەنتنىڭ بارلىقىنى، پاختىكارلارنىڭ ھەر يىللىق كېۋەز تېرىش كىرىمىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقىنى كۆردى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شايار ناھىيەسىدە كېۋەز تېرىقچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، يېزىلاردا جەمئىي 30 مىڭغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بارلىققا كەلگەن. ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۆتكەش، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا يۆتكەش، يەنە 3 - كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك - مۇلازىمەت چىقىرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، تېز قەدەم بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىغا ماڭغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.