تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ %84.15 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيلەشتۈرگەن سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتى سېلىنما تۈرى 1511 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 405ى كۆپەيگەن؛ رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 38 مىليارد 378 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84.15 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 19 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ %51.45ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.94 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى(تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 18 مىليارد 632 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ %48.55ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %117.38 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە رەقەملەشكەن ئىدارە قىلىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپنى ئۇزارتىش زەنجىرى، تولۇقلاش زەنجىرى، كۈچەيتىش زەنجىرى شەكلىدىكى سودىگەر چاقىرىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قاتلىمىنى تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇھىم ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، توردا سودىگەر چاقىرىش ۋە كىچىك تارماق ئەترەت سودىگەر چاقىرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلىنى كېڭەيتىپ، روشەن نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. قەشقەر ۋىلايىتى «كىم چاقىرىش، قانداق چاقىرىش، نېمىنى چاقىرىش، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، 12 ناھىيە، شەھەر بىلەن سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى باھالاش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش «ئەتىيازلىق ھەرىكىتى»نى باشلىدى، ئىچكىرى رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئالتە سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئىدارىسى ۋە ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك سودىگەر چاقىرىش كىچىك تارماق ئەترەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاتلىنىپ، سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 189 سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 58 بولۇپ، جەمئىي 14 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1 - پەسىلدە، ئىلى، سانجى، ئۈرۈمچى، تارباغاتاي، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بەش مەيدان توردا كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 96 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان، ئومۇمىي سوممىسى 52 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش پىكىر يولى، ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدە سودىگەر چاقىرىشنى يولغا قويۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ساھەسىدە دادىل يېڭىلىق يارىتىشى، ئاۋۋال يولغا قويۇشى، ئاۋۋال سىناق قىلىشىنى قوللاپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا سىرتىدا سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەزمە بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم تۈگۈن شەھەرلەر ئارا كەسىپكە سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىنى رايون ھالقىپ ئوبوروت قىلىش ۋە مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى سىناپ باقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.