تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ 1-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىن يىغىنى ئېچىلدى

فۇ جىفاڭ قاتناشتى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 1-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىن يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك 1-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ھالقىسىدىكى تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، تۈزىتىش ھالقىسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىفاڭ يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز 16-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش يېتەكچىلىكىدە، كۈچلۈك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈش-تۈزىتىش ھالقىسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي تەربىيە، ئىبرەت تەربىيەسىنى تەكشۈرۈش-تۈزىتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلايدىغان ئىدىيە ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك؛ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، «ئالدىنقىنى جازالاپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرگەنلەرگە كەڭچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈلگەنلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش» سىياسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۆپ ساندىكىلەرگە تەربىيە بېرىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرنى جازالاپ، كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى يوقىتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنى ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛ جاھىل كېسەللىكنى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىپ-تۈزەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، تۈزۈم قەپىسىنى تېخىمۇ زىچ توقۇپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئىگىلەپ، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھالقىمۇھالقا تۇتاشتۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ سىياسىي قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش قوزغاتقان مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلەش-يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 13-نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ بەنزە ئەزالىرى، نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.