شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:
بىرىنچى، جاڭ جيەنگونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لى بوجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، جوۋ پىڭجيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىگېرىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
سۈي جيەنچۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىگېرىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، خۇاڭ چىنگونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھامادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
دەي چىڭلى(ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھامادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.