تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تەكلىپ بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر بىز كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدۇق. جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئەھمىيەتلىك زور ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشچان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ھەم باشقا ئامىللارنىڭ كاشىلىسىنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو ئۇدا بەش يىل گېرمانىيەنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىغا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشى، تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە، شۇنداقلا ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئاچقۇچ جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رىتىمىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، كاشىلىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن پۇرسەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق بىر قاتار مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاكسىنا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ياكى «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، گېرمانىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا ئېرىشىشىنى قوللاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ بىرلىكتە يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ پايدىلىق، گېرمانىيە تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن پائال رول ئويناشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇنىڭ گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە - جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، خادىملار ئارا ئالاقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ۋاكسىنىنى ئادىل تەقسىملەش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ كۇنمىڭ جانلىقلار كۆپ خىللىقى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.