تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كۆزلىنىپ، «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش، «تۆتتە پولاتتەك» قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىملارنى بەرپا قىلىش چۆرىدىلىپ، بايراق يېتەكچىلىك قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دىققەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سىستېمىنى قايتا بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەربىيەلەش ئىدىيەسى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، كۈچى، خىزمەت يۈرۈشۈشى ۋە تۈزۈم-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ يۆنىلىش يېتەكچىلىكى، تۈپ ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت چۈشۈش نۇقتىسى، ئاچقۇچلۇق تىرىكى، ئۇسۇلى-يولى، مۇھىم كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەزمەن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان ئىزباسارلارنى، جاسارەت بىلەن غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان جەڭگىۋار قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ، ئىستىلى ئېسىل پەرزەنت ئەسكەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ غەلىبە قىلىش يۆنىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلىم بېرىشىنىڭ سۆز بىلەن تەلىم بېرىشىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىدەك بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«پىكىر» يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسى، كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ جەزمەن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسىنىڭ زور يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.