تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دارېنلار ئىلىدا داكا قىلىپ گۈل سەيلىسىنى بىرلىشىپ تونۇشتۇردى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ) «بۇ ئاككوردىيون يىغىپ ساقلاش سارىيى بەك ئالاھىدە ئىكەن، غۇلجىغا بارساق چوقۇم داكا قىلىمىز!» 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسى يولغا قويغان «ئىلىدا داكا قىلىش» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، توردا ئالقىشلانغان دارېنلار داكا قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئىلى ئۆرۈك چېچىكى ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى.

   بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. شۇ كۈنى دارېنلار غۇلجا شەھىرىنىڭ ليۇشىڭ كوچىسىغا بېرىپ، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ئالېكساندىر ئاككوردىيون يىغىپ ساقلاش سارىيىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئاككوردىيوندىن ھۇزۇرلىنىپ، ئىلى ليۇشىڭ كوچىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون ئەترىتى ئورۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، ئاككوردىيوننىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن بەھىرلەندى. «بەك يېقىملىقكەن!» «مېنىڭمۇ ئاككوردىيون چېلىشنى ئۆگەنگۈم بار»... تورداشلار بىۋاسىتە تارقىتىش رايونىدا بەس-بەستە سۆز قالدۇردى.

   غۇلجا شەھىرى خەيتاڭ يولى كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، ئاق رەڭ، ھال رەڭ چېچەكلەر شاخلارغا تولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك گۈل سەيلىسىنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھى بولۇپ قالغانىدى.

   ئىگىلىنىشىچە، 4-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭدا داكا قىلىش——گۈلگە ئەگىشىش سەپىرى» دارېنلار بىۋاسىتە تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۈل سەيلىسىنى تونۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» گۈل سەيلىسى ماركىسىنىڭ نامىنى چىقاردى.

   ئىگىلىنىشىچە، دارېنلار غۇلجا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا 20 مەيدانغا يېقىن بىۋاسىتە تارقىتىدىكەن. «بوشلۇقتىكى گۈللۈك» نارات، تۇتاش كەتكەن دولقۇنسىمان «خۇاچيەنگۇ» فۇشوۋشەن تېغى، 10 مىڭ مولۇق ئوتتۇرا ئەسىر ياۋا ئۆرۈك ئورمانلىقى بار تۈرگېن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سەككىز قىرلىق شەھەر قاتارلىقلار بىۋاسىتە تارقىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان، تورداشلار يەنە بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ يېمەك-ئىچمەك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ناخشا-ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلەيدىكەن.

   بۇ قېتىم پۈتۈن تاراتقۇ بىرلىشىپ ئىلى ئوبلاستىنىڭ گۈل سەيلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا ياردەملىشىپ، ھەر كۈنى قىزىق نۇقتا، بىۋاسىتە تارقىتىشتا يارقىن نۇقتا بولۇشقا تىرىشتى. تورداشلار دوۋيىن سۇپىسىدىن «گۈل ئېچىلغان ئىلى»نى ئىزدىسىلا، ئىلىدا «بۇلۇت ساياھىتى» قىلالايدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشۋىقات كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە يېڭى ۋاسىتە، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى شەكىل قوللىنىلىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن نامايان قىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئىلىغا دىققەت قىلىشقا، ئىلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى