تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر خەن چىنيەن) 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 15تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 180 نەپەر ساياھەتچى لىق ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇپ، 2021-يىللىق شاڭخەي، قەشقەر مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئالاقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

   قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقانىدى، ئەمما شوخ مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋالغان ياش قىز-يىگىتلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

   «بەك خۇش بولدۇم، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن! ئىلگىرى قەشقەرگە كېلىپ باقمىغانىدىم، گۈزەل قەشقەردىن ھۇزۇرلىنىپ، بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، ئاندىن بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىشنى ئويلىدىم» دېدى شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى شۆ ئەپەندى.

   «بۇ مېنىڭ قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەردىكىلەر ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن.» شاڭخەي چۇنچيۇ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر باش نازارەتچىسى خۇاڭ يۈ شۇنداق دېدى: «قەشقەر مەن ئىزچىل تەلپۈنگەن جاي، ئاڭلىسام پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، بېرىپ بېقىشقا بەك تەقەززا بولدۇم.»

   قەشقەرنىڭ مەنزىرىسى، ئادىمىيىتى، مەززىلىك تائاملىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇي.

   بۇ يىل، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەيدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ساياھەت كارخانىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، پىلاندا 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى تەسىس قىلىنىدۇ، 10 مىڭدىن ئارتۇق شاڭخەيلىك ساياھەتچىنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى