تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ

قومۇل شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ئىبرايىم

بىر مەزگىلدىن بۇيان، پومپېئو، جېڭ گوئېن كۆپ قېتىم يامان غەرەزدە شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى تارقاتتى، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن!

پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» دېگىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، جۇڭگو زېمىنىدا بۇنداق ئىش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، ھازىر يوق، كەلگۈسىدىمۇ يۈزبەرمەيدۇ! شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى توغرىلىق ھەرقانداق كىشىنىڭ يامان غەرەزدە ئويدۇرمىچىلىق قىلىشىغا، ئاساسسىز ئويدۇرمىچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان مەن شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مەن كىچىكىمدىن قومۇل شەھىرىدىكى بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئەتراپىمدىكى قوشنىلار ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ئىناق ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئوخشاش ياشتىكى كىچىك دوستلار ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۆزئارا ياردەم بېرەتتۇق، كۆپچىلىك ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتەتتى. ھازىر مېنىڭ كۆپ مىللەتتىن دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بار، بىز ئىتتىپاق-ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. مېنىڭ كىچىكىمدىن تارتىپ ھېس قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئازادە، ئادىل جەمئىيەت كەيپىياتى بولۇپ، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، ھەممە ئادەم ئوخشاش پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولدى. مەن ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمەن، خوتۇنۇم پېنسىيەگە چىقتى، ھەر كۈنى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پېنسىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. مېنىڭ ئىككى بالام بار، چوڭ ئوغلۇم بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدە ئوقۇيدۇ، كىچىك ئوغلۇم قومۇل شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۇلار پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدە ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىككىلىسى ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى كارخانىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا پائال تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلدى. بىز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، داۋالاش، كەسپىي تەربىيەلەش، خىزمەت تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىل، ئۇسۇللار ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردۇق. 2021-يىلىدىكى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىلا، قومۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 30دىن ئارتۇق تۈرلۈك كارخانا، ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن 4340 ئادەم قېتىم ھال سوراپ، 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ھال سوراش بۇيۇمى تارقاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا بولغان كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلدۇق. مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى چوقۇم ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ، ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئايلىنىپ ئۇر-ئۇرغا قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.