تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ 4-بۆلۈم شىنجاڭغا ئالاقىدار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھۆججەتلىك فىلىمىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېلان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا قويۇلغان 4-بۆلۈم شىنجاڭغا ئالاقىدار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھۆججەتلىك فىلىمى «قۇترىغان يوشۇرۇن ئېقىن − جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىس»تا چېتىشلىق بولغان شېرزات باۋۇدۇن دېلوسى ۋە ساتتار ساۋۇت دېلوسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 4-بۆلۈم شىنجاڭغا ئالاقىدار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھۆججەتلىك فىلىمى «قۇترىغان يوشۇرۇن ئېقىن − جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىس»تا شىنجاڭدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئايرىم دېلو پاكىتلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى مەسىلە بار دەرسلىك ماتېرىيالى قاتارلىق ۋەقەلەر ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدا گەرچە ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى نۇقتىلىق ئېچىپ بېرىلدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئاتالمىش شىنجاڭ «تېررورلۇققا زىيادە قارشى تۇردى» «ئىرقىي يوقىتىش قىلدى» دېگەن بىمەنە سەپسەتىلەرگە پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇشىنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە زۆرۈرلۈكى نامايان قىلىندى.

ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ شېرزات باۋۇدۇن دېلوسى ۋە ساتتار ساۋۇت دېلوسىنىڭ ئاساسىي دېلو ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

شېرزات باۋۇدۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن قالدۇرۇپ قېلىنغان، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قولغا ئېلىنغان.

ۋاڭ لاڭتاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شېرزات باۋۇدۇن دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر سالاھىيىتىنى نىقاب قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان. ئۇ دىننى دەستەك قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىگە تارتىش، دىنىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، قانۇن جەھەتتىن قانات ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ، قوللاپ، ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ئاشكارا تەرغىب قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئىدىيە تۇپرىقى يېتىشتۈرگەن، ھەرىكەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئۇ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە ئۇزاق مۇددەت «ئۈچ خىل كۈچ»كە مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، «مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش» ئۈچۈن «چوغ»نى ساقلاپ قالماقچى بولغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى يۆلەپ، پائال تۈردە بۆلگۈنچىلىك قىلىش مەبلىغى توپلىغان ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياكى چېگرا ئىچىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

2002-يىلىدىن باشلاپ، ساتتار ساۋۇت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي مائارىپ دەرسلىكى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىق مەزمۇنلار تەرغىب قىلىنغان نۇرغۇن ماقالىلەر 2003-يىل نەشردىكى ۋە 2009-يىل نەشردىكى دەرسلىك ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈلگەن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر دەرسلىك ماتېرىياللىرىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىق مەزمۇندىكى مەسىلە بار تېكىستتىن جەمئىي 84 پارچە بارلىقى ئېنىقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2003-يىل نەشرىدە 41 پارچە، 2009-يىل نەشرىدە 43 پارچە بار. بۇ تۈركۈمدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرى پۈتۈن شىنجاڭدا 25 مىليوندىن ئارتۇق بېسىلغان، ئىشلىتىلگەن ۋاقتى 13 يىلدىن ئاشقان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 2 مىليون 320 مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە نەچچە ئونمىڭ مائارىپ خىزمەتچىسى بۇ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن ئېغىر خەۋپلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلغان. يۇقىرىقى دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ تەسىرىدە، ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى، مۇتەللىپ قۇربان قاتارلىقلار(ھەممىسىگە جازا ھۆكۈم قىلىندى) ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل» ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەت ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقا قاتناشقان؛ ئابلىز رېشىت (جازا ھۆكۈم قىلىندى) «30-ئاپرېل» ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال زوراۋان تېررورلۇق جىنايەت ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقا قاتناشقان؛ ئاتىكەم روزى (جازا ھۆكۈم قىلىندى) مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت گۇرۇھىغا قاتناشقان ھەم ئۇنىڭ تايانچىسىغا ئايلانغان قاتارلىقلار.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىككىسىنىڭ نەچچە جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش ھەم شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىنغان. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇق-مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.