تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاختا ئائىلىمىزنىڭ «بېيىش گۈلى»

كېرىيە ناھىيەسىدىكى پاختىكار مەمتىمىن تۇردى

مەن بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، ئائىلىمىزدە تۆت جان بار، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ كېۋەز تېرىشتىن قىلىدىغان يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن توردا چەت ئەل ماركىلىرىنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىغا بوھتان چاپلاپ، قارا چاپلاپ، شىنجاڭ پاختىسى ھەم شىنجاڭ پاختىسىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى توسقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق غەزەپلەندىم. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى پاختىكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

مەن ئىلگىرى بىر پاختا تەرگۈچى ئىدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشىم ئارقىلىق سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بىز «مەجبۇرىي ئەمگەك»كە سېلىنمىدۇق.

بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، 2005 - يىلى مەن كورلا شەھىرىگە پاختا تەرگىلى باردىم. كېۋەز تېرىغان ئائىلىلەر بىزنى ئازادە، پاكىز تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى، يەنە كەسپىي ئاشپەزلەرنى تاماق ئېتىشكە تەكلىپ قىلدى، تاماقلىرىمىز ناھايىتى تەملىك ئىدى. ئاشۇ چاغدا، بىز ھەر كۈنى ئاپئاق كېۋەزلىكتە ئەتراپىمىزدىكى ھەمراھلىرىمىز بىلەن پاختا تېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتۇق. ھەر كۈنى كەچتە، كېۋەز تېرىغان ئائىلىلەر بىزگە ۋاقتىدا ھېسابات قىلىپ بېرەتتى، ھەربىر كۈنىمىز خۇشال ھەم مەنىلىك ئۆتەتتى.

بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، پاختا تېرىغان بىر ئائىلە مېنى قولىدىن ئىش كېلىدىكەن دەپ قاراپ، مەن بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك توختام تۈزۈپ، كېۋەزلىكنى باشقۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مائاشىم يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ خىزمەت مۇھىتىغا پىششىق بولغاچقا، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىدىم. ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدا، مەن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدىم. ئەسلىدە ئۈچ يىللىق توختام مۇددىتى توشقاندا ئۆيگە قايتىشنى ئويلاشقانىدىم، لېكىن بۇ ئۈچ يىلدا، مېنىڭ بۇ ئاپئاق پاختىلارغا مېھرىم چۈشۈپ قالدى. 2017 - يىلى، مېنىڭ تەسىرىمدە خوتۇنۇممۇ بۇ يەرگە كەلدى، بىز يەر ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىشقا باشلىدۇق.

ھازىر، بىزنىڭ كىرىمىمىز بارغانسېرى ئاشتى. مەن يۇرتۇمدا يېڭى ئۆي سېلىپلا قالماي، يەنە ئامانەت قويغان پۇلۇممۇ بار بولدى، ئاللىبۇرۇن ئىلگىرىكى نامرات تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتىم. يېقىندا، مەن يەنە بىر پىكاپ سېتىۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن. مەن دائىم ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئاپئاق پاختا ئېلىپ كەلگەن، پاختا ئائىلىمىزنىڭ «بېيىش گۈلى» دەيمەن.

بىز تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، بۇ قانداق قىلىپ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولۇپ قالدى؟ بىزنىڭ پۇل تېپىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىز باشقىلارنىڭ «مەجبۇرلىشى»غا ئېھتىياجلىقمۇ؟ ھەربىر غوزەك پاختىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئۈمىدى يۈكلەنگەن. شۇڭا، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر، سىلەر شىنجاڭغا بوھتان چاپلاشنى، قارا چاپلاشنى توختىتىڭلار، شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىغا ھەرقانداق كۈچنىڭ داغ تەگكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ! سىلەرمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىمىز دەپ خام خىيال قىلماڭلار!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.