تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ

شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى:

يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ

يېقىنقى مەزگىلدە، توردا شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ھەر خىل سەپسەتىلەر كەينى-كەينىدىن پەيدا بولدى. بۇ قىپقىزىل يالغان-ياۋىداق سۆزلەر، بىمەنە سەپسەتىلەر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان بىزدەك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، كۈلكىسىنى قىستىدى. بىز شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ پاكىتنى سۆزلەپ، پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بېرىپ، ھەققانىيەتنى قوغدايمىز! شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچىسى ھەمدە كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە!

بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولدۇق، كىچىكىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، ئىناق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەربىر ئۇششاق ئىشلارغىچە گۇۋاھ بولدى، بىز شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان ئاشۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمىز، لېكىن بىز بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنىڭ قەيەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بۇ، ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق بىمەنە سەپسەتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغانلىقى.

بىز شىنجاڭدا ئوقۇش جەريانىدا تولۇق تەربىيەلىنىش ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق. بىزنىڭ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ھەر تۈرلۈك پەنلەرنى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇردى، تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق، مەخسۇس كۇرس مائارىپىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، پەقەت ئۆگىنىشكە ئىشتىياق بولسىلا، بىلىم زاپىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقىلى بولىدۇ.

بىز شىنجاڭدا ئوقۇش جەريانىدا ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرى رايونلاردىكى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساھەلەر بويىچە بىرگە بىر نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى، مۇتەخەسسىسلەر مەكتەپلەرگە كىرىپ، بىزگە ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ئېلىپ كەلدى، بىزگە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلدى. بىز مەكتەپتە بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك پىروفېسسورلارنىڭ ئېسىل دەرسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپلا قالماي، يەنە ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، بىلىمىمىزنى ئاشۇرالايمىز.

بىز شىنجاڭدا ئوقۇش جەريانىدا كۆپ مەنبەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىغا ئىگە بولدۇق. بىز مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپ كەسىپ تۇرمۇشى پىلانىنى قانات يايدۇرۇپ ئارزۇيىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنى ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىنى تېپىشقا يېتەكلەيدۇ؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، مۇۋاپىق خىزمەت تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

شىنجاڭدا ياشاۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتىمىز، ۋەتەننىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ بىزنى تەربىيەلىگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش. بىز پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى: «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ قانۇنچىل شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش تۇپرىقى يوق، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بازىرى يوق. بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ، يالغان-ياۋىداق سۆزلەر پاكىت ئالدىدا ھامان بىتچىت بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.