تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى:

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرگە جازا قوللاندى، H&M، NIKE باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كارخانىلار شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇپ، «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش» باياناتى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كەسكىن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىدۇكى: بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ھەمدە بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ بوھتان چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، سىلەرنىڭ جازا قوللىنىشىڭلار ۋە باياناتىڭلار ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ-سۆز، سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىڭلار مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئامما جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىدى. شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ كەسىپ تاللاش، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھەق ئېلىش، مائاشلىق دەم ئېلىش، تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دائىملاشقان ئەمگەك قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، يۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىش-بىرتەرەپ قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قانۇنچىللىشىش يولىغا سالدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچە ھەممىسى قانۇننى بىلىدۇ، ھەممىسى قانۇن بىزگە يۈكلىگەن ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى چۈشىنىدۇ. ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا قانۇن يول قويمايدۇ، ئەقىلگە سىغمايدۇ، قىلچە پاكىت ئاساسى يوق.

پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تاللىشىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا. شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولدى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم كۈچى بىلەن پاختا تېرىش تەدرىجىي تارىخقا ئايلاندى، بىزنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن ئىش ئورنى تالىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى تولۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىشى كۆپ مەنبەلىك. بىز يېڭى دەۋردىكى تېخنىك ئىشچى، پەن تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، توقۇمىچىلىق ماھىرى، لايىھەلەش تالانتلىقلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بىمەنە سەپسەتىسى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھاماقەتلىكى، بىلىمسىزلىكى ۋە باشقىچە غەرىزىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى!

ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، خۇددى قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ يۇغۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىنتايىن كۆپ ھېكايىلەرنى پۈتتى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەكىلە بىلەن بىر سىنىپتىكى خەنزۇ ساۋاقدىشى پەن شو ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تىلى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆزئارا ئۆگىتىدىغان كىچىك ئوقۇتقۇچى. شەكىلە ھەر قېتىم پەن شونى تونۇشتۇرغاندا، پەن شونى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ ئادىشىم» دەيدۇ. داشۆنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر كۈنى ئەتىگەندە، پەن شو زىيادە سېزىم سەۋەبىدىن قىزىپ كەتكەندە، شەكىلە دوختۇرخانىدا ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرەپ يۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياقا يۇرتتا تۇرۇۋاتقان پەن شوغا تۇغقىنىدەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلار مەكتەپتە ئورتاق ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا باستى، گەرچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋىتى تۇغقاندىنمۇ ئارتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتەك قويۇق چوڭقۇر ھېسسىياتىنى بايان قىلدى، بۇنداق ھېكايىلەر شىنجاڭدا يەنە ناھايىتى كۆپ.

نېمە ئۈچۈن ئاپئاق، نۇقسانسىز پاختىغا باشقىچە غەرەزدىكى كىشىلەر كۆز تىكىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا ھەقىقەتەن يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مۇشۇنداق قىلغان، شۇڭا ھازىر پەسكەش ئادەملەرنىڭ غەرىزى ئارقىلىق ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆلچەۋاتىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر تەخمىنەن 400 يىل داۋام قىلغان قارا تەنلىك قۇللار سودىسىدا، 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئافرىقا قىتئەسىدىن ئامېرىكا قىتئەسىگە يۆتكەپ كېلىپ قۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پاختا ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمغا ئۇچرىغان. قۇللار ئەمگىكىنىڭ پايدىسى بىلەن، ئامېرىكا پاختا ئېكسپورت چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 19-ئەسىردىكى شىمالىي ئامېرىكىدا، ھەربىر تال پاختا يىپنى سىقسا، قارا تەنلىك قۇللارنىڭ قىپقىزىل قېنى تامچىلايدۇ. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ «جىنايى تارىخى»نى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا مەجبۇرىي تاڭدى، بۇنداق ناچار ۋاسىتە، رەزىل غەرەز ۋە قانۇنسىز سۇيىقەستلەر ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ، بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز.

ئەمگەكچان شىنجاڭ خەلقى ئىككى قولى بىلەن بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قارا چاپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھېچكىم شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ! شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، سىلەر يەنە قانچە كۆپ تۆھمەت قىلساڭلارمۇ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ قاردەك ئاقلىقىغا داغ تەگكۈزەلمەيسىلەر! بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ۋەتىنىمىز كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۇيىقەستلەر جەزمەن بىتچىت بولىدۇ! بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.