تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون شيېچېڭ گۇرۇھى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شيېچېڭ گۇرۇھى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شيېچېڭ گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ توردا ساياھەت ئىستېمالى بايرىمىنى قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «يىپەك يولى مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى»نى ئورتاق قۇرۇش، ئۆزگىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى، پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يەنىمۇ تونۇتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شيېچېڭ گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى لياڭ جيەنجاڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى ھەم كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

ئەركىن تۇنىياز كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شيېچېڭ گۇرۇھى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت گۇرۇھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلغار تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، كۈچلۈك بولغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورى ۋە كەڭ تاراتقۇ تەشۋىقات يوللىرىغا ئىگە. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر پارچە گۆھەر تۇپرىقى، بايلىقى ئىنتايىن مول، ئەۋزەللىكى ناھايىتى گەۋدىلىك، بولۇپمۇ ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز زور. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئارقىلىق، شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى بالدۇرراق ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لياڭ جيەنجاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شيېچېڭ گۇرۇھى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مول تەبىئىي مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت مەنزىلگاھىدىكى ئالدىن تاللايدىغان جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.