تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بازىلارنى مۇكاپاتلاش، باشقۇرۇش چارىسىنى چىقاردى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ يېشىل يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بازىلارنى مۇكاپاتلاش، باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» بېسىپ تارقىتىلدى، ئېتىراپنامىگە ئېرىشكەن يېشىل يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بازىلارغا بىر قېتىمدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغان بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ «چارە»نى چىقىرىشتىكى مەقسەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ۋە يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتلىك ماركا بەرپا قىلىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىكەن.

«چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: مۇكاپاتلاش ئىلتىماس قىلىنغان يېشىل يېمەكلىكلەرنى ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى جەزمەن بىرقەدەر كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، يېشىل يېمەكلىك بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قېلىپلاشقان بولۇشى، تور ۋە تور سىرتىدىكى شەكىللەر ئارقىلىق سۈپەتلىك ماركا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرغان بولۇشى، يېشىل يېمەكلىك قائىدىسى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتكەن بولۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە كۆرۈنەرلىك كۈچ قوشقان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

مۇكاپاتلاش ئىلتىماس قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىدە، گۇۋاھنامە ئىگىسى جەزمەن بەلگە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك بولۇشى، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى جايىدا بولغان بولۇشى، بەلگە ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن بىردىن ئارتۇق كارخانىسى بولۇشى ھەم بەلگە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرغان بولۇشى، مەھسۇلات سېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، پۈتۈن مۇساپىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. سۈپەتلىك ماركىنىڭ تەسىر كۈچى بىرقەدەر چوڭ، توردا ۋە تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كۆرۈنەرلىك بولغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

مۇكاپاتلاشنى ئىلتىماس قىلغان مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى جەزمەن بازا تەشكىلاتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش، تېخنىكا مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، كەسىپلەشكەن تىجارەت سىستېمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرگۈزگەن بولۇشى، ئارخىپ ماتېرىياللىرى تولۇق، تەپسىلىي بولغان بولۇشى كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى يېتەكچى كەسىپ بازىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۇلاپ مەلۇم قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %15، %50لىك تەلەپكە يەتكەنلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

«چارە»گە ئاساسەن، يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەربىرى 5000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە، جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەربىرى 10 مىڭ يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە، مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ھەربىرى 80 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولىدىغان سۇبيېكتلار ئىشلەپچىقارغان يېشىل يېمەكلىك، جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەزمەن دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسىدا رويخەتكە ئېلىنىشى، مەھسۇلاتقا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى (سۈرۈشتۈرۈش ئىككىلىك كودى) چاپلىنىپ بازارغا سېلىنغان بولۇشى، دېھقانچىلىق ئىشلىرى خاتىرىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى، مەھسۇلات سۈپىتىنى پۈتۈن مۇساپىدە مەنبەدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئەگەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سۇبيېكتلارنىڭ مەھسۇلاتىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك كۆزىتىپ ئۆلچەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن ياكى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچى سۇبيېكتتىن بارلىق مۇكاپات مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەم ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.