تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5 مىليارد 600 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇ تەييارلىقىغا مەدەت بەردى

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى

5 مىليارد 600 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇ تەييارلىقىغا مەدەت بەردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇ تەييارلىقى ئۈچۈن 5 مىليارد 600 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتقان.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى يىل بېشىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەبلىغى ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، 7 مىليارد 200 مىليون يۈەن كىرېدىت مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلاپ، ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇ تەييارلىقى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

5 مىليارد 600 مىليون يۈەن كىرېدىت مەبلىغىنىڭ تارقىتىلىشى بىر تەرەپتىن خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، سېتىۋېلىش - سېتىشقا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن كېۋەزلىكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، يەرلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا «مىقدار»نى كۆزلەشتىن «سۈپەت»نى كۆزلەشكە ئۆزگىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى قەرز پۇل بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، قەرز پۇل بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى مەبلىغىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەستىقلاش، تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى؛ ھەقنى ئازايتىپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقى بار كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن قارىغۇلارچە كونا قەرزنى تۇتۇپ قالماي، قەرز بېرىشنى ئۈزۈپ قويماي ھەم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەقلىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.