تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خوۋ شۆجىڭ، خۇ لۇ) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتەك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇلۇغ مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تۆھپىسى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تارىخىي يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرى تارىخىي خاراكتېرلىك، ھەر تەرەپلىمە بولدى، ئۇ جۇڭگو يېزىلىرىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ قالاق قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇتلەق نامراتلىقنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە تۈگىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ 1000 يىللىق ئارزۇسى، 100 يىللىق ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان جۇڭگونىڭ مۇتلەق نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمەدىن باشقا، جەمئىي بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، نامراتلىق بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.