تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ۋە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ۋە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.