تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ شيامېن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تەبرىك خەت

شيامېن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

شيامېن داشۆسى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە داشۆ. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەر خۇاچياۋلار رەھبىرى چېن جياگېڭ ئەپەندىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىلمىي بولۇش»تىن ئىبارەت ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چەت ئەللەرگە تارقىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. شيامېن داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىپ، رايون تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2021-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى خەت ئەۋەتىپ، شيامېن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شيامېن داشۆسى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە داشۆ. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەر خۇاچياۋلار رەھبىرى چېن جياگېڭ ئەپەندىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىلمىي بولۇش»تىن ئىبارەت ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چەت ئەللەرگە تارقىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. شيامېن داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىپ، رايون تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شيامېن داشۆسىنى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر خۇاچياۋلار رەھبىرى چېن جياگېڭ ئەپەندى 1921-يىلى قۇرغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى خۇاچياۋلار قۇرغان داشۆ. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ «توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، كامالەتكە يېتىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ئۈچۈن 400 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقنى يېتىشتۈرۈپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.