تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتىدە ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17 بولىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): بۇ ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17 بولىدۇ،  ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، بۇ ھەپتىدە كەڭ كۆلەمدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ بوران چىقىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا قىسمەن قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارمۇ-قارشى ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن، شۇڭا، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى