تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ كورلا: نەشپۈتلەر چېچەكلەپ، شەھەر رومانتىك تۈسكە كىردى

  ئاپتورى: ياڭ خوۋۋېي، جاڭ شىنخۇا

  4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەپ، نەشپۈت چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى پۈتۈن شەھەرگە تاراپ، دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، كىشىلەر قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى، نەشپۈت شاخلىرى قاردەك ئاپئاق نەشپۈت چېچەكلىرى بىلەن غۇچچىدە تولدى، بۇ گۈزەل مەنزىرە شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. كورلا نەشپۈتى كورلا شەھىرىنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومومىي تېرىلغۇ كۆلىمى 500 مىڭ موغا يەتتى.

 (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش