4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ بىنخې مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇش تۈرى كۆلىمىگە بوشلۇقتىن نەزەر (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى بىنخې مەنزىرە بەلبېغىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى —— بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملاندى، ھازىر سۇ باشلاش، ئورمان بىنا قىلىش، ئىككى قىرغاقتىكى مەنزىرە بەلبېغىغا تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۈر خوشۇت ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2400 مېتىر، ئىشلىتىلگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 338 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بايىنغولىن گېزىتى)