تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىتنە - ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت قىلىش شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ

□ئاتۇش سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنجان ئەلى

پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خالىغانچە بۇرمىلىغانلىقى ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. مەن ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

مەن ئاتۇش شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانام ۋە ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىم يەر تېرىسا تولۇقلىما بار، ئاغرىپ قالسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك. مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ھازىر ئىككىسىلا ئىچكىرى رايونلاردىكى داشۆدە ئوقۇۋاتىدۇ. بالىلىرىم ماڭا، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە ياشاپ ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەن ئاتۇش شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، مەن ھۆكۈمەتنىڭ چارۋىچىلارغا ئەمىن ئۆي سېلىپ بەرگەنلىكى، بىر ئۆمۈر تاغ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلاشقان دېھقان - چارۋىچىلارنى كەڭرى، ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزغانلىقى؛ ھەربىر كەنتتە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرغانلىقى، بالىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆردۈم. دېھقان - چارۋىچىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ماھارەتنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ بېيىش بىلىملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىگە بولغان تەشنالىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپتۇ. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ.

پومپېئو، جېڭ گوئېن كۆپتۈرگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار سەپسەتىلەر تۇتۇرۇقسىز گەپ. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.