تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز

ئىلى سىفەن داشۆسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى:

شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز

H&M قاتارلىق چەت ئەل ماركىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز!

ئىلى سىفەن داشۆسىدە ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 16 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ساۋاقداش بار، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ساۋاقداشنىڭ ئۆيىدىكىلەر كېۋەز تېرىيدۇ. مەكتىپىمىزدىكى ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋاقداش ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەكەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، كېۋەز تېرىش ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇنىڭ كېۋەزگە نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ھېسسىياتى بار. ئەتىيازدا مايسا تاقلىنىدۇ، يازدا ئۇچى ئۈزۈلىدۇ، كۈزدە پاختا تېرىۋېلىنىدۇ، پاختىغا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن، دېيىشكە بولىدۇ. «بولۇپمۇ قىش كەلگەندە ئىسسىق پاختىلىق چاپان كىيىپ، قېلىن پاختىلىق يوتقان يېپىنىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، كۆڭلۈمدە ئىختىيارسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ» دېدى ئارزۇگۈل تۇرسۇن.

مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن ساۋاقداش قەيسەرجاننىڭ ئاتا - ئانىسى پاختىكار بولۇپ، كېۋەز تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىنى ئۇ ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ. «كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئىشقا ئېشىشتىن ئىلگىرى، پاختا تېرىش نۇرغۇن يېزا ئائىلىلىرىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ئىدى. قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەمگەك كۈچىنىڭ پاختا تېرىش مەزگىلىدىكى كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى، كۆپچىلىك تالىشىپ پاختا تېرىپ پۇل تاپاتتى، ئاتالمىش <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس» دېدى قەيسەرجان.

بىيولوگىيە ۋە جۇغراپىيە پەنلىرى شۆيۈەنى ئۆسۈملۈك قوغداش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەھىدەم تۇردى مۇنداق دېدى: «مەن يۇرتداشلارنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇسى بار، ئارزۇسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، ھېچكىمنىڭ مەجبۇرلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭ ئۆگىنىۋاتقان كەسپىم ئۆسۈملۈك قوغداش، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىمنى يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

ئالتايدىن كەلگەن ساۋاقداش مېيىرشات ئۆرلېۋقان يېزا جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىدە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يېزىلاردا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ماشىنىلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆردى. «كېۋەز تېرىشتىن يىغىشقىچە بولغان جەرياننىڭ ھەممىسى ماشىنا ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن. ئازاد قىلىنغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بەزىلىرى كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپتۇ، بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەپتۇ، بەزىلىرى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپتۇ، يەنە بەزىلىرى ئوبوروت يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كېۋەز تېرىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئېشىپ، تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئەمگەك قىلىش ئاكتىپلىقى كۈنسېرى ئېشىۋېتىپتۇ» دېدى مېيىرشات ئۆرلېۋقان.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەيلى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قانداق قارا چاپلىسۇن ۋە بوھتان چاپلىسۇن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.