تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىز شىنجاڭ پاختىسىنى كۈچەپ قوللايمىز

شىنجاڭ يۈفېڭلىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتى:

بىز شىنجاڭ پاختىسىنى كۈچەپ قوللايمىز

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم چەت ئەل ماركىلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ سودا پائالىيىتىدە شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى چەتكە قېقىش قىلمىشى جۇڭگو جەمئىيىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ساھەسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىيىم - كېچەك كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان، بوھتان چاپلايدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شىنجاڭ پاختىسىنى كۈچەپ قوللايدۇ.

شىنجاڭ يۈفېڭلىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتى «باش ئىشتاب + نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ شىنچېڭ زاۋۇتىنى باش ئىشتاب قىلىپ، ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردا سەككىز نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكتىكى 1000غا يېقىن دېھقاننىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تارمىقىدىكىلەر ۋە تېخنىكا تايانچلىرى ئىچىدە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر %90نى ئىگىلىدى.

شىركەت تىجارەت جەريانىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىشچى - خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، «كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە ئىش ھەققى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت قەرەللىك ھالدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى، ئۇلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسى يىلدىن - يىلغا ئۆستى. شىركەت يەنە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قەرەللىك ھالدا ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى، چاي سۆھبىتى قاتارلىقلارغا تەشكىللەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىغا بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

ھازىر، كوناشەھەر ناھىيەسى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ماھىيەتلىك ھالقىش بولدى. شىركىتىمىزدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئازادە، يورۇق، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىدى، رەڭدارلاشتى، روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ياراتقان، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەھۋالى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئاشۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، يالغان - ياۋىداق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، تەستە قولغا كەلگەن تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنماڭلار، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشچان ئىككى قولى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سىلەرنىڭ سۇيىقەستىڭلار مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.