لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ فەن مىڭجېڭنىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇەن چۇنفۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ فەن مىڭجېڭنىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.