تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېتەكچى ئىدىيە: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق خىزمىتى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللەتكە تەۋە، ئىلمىي بولغان، ئاممىباب بولغان سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت پىرىنسىپى: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش؛ قانۇن ئارقىلىق جاھاننى تىنچلاندۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەت قىلغۇچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلىنىشقا يېتەكلەش؛ تەرەققىياتقا ۋارىسلىق قىلىشتا، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي نىشان: بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، روناق تاپقۇزۇپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. 2035 - يىلىغا بارغاندا، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشقان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىغا ئۇيغۇنلاشقان سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش.

«پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىدە پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى خەلقئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش.

«پىكىر»دە تەشكىلىي كاپالەت چۆرىدىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.