تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، بەختتىن شەپە بەردى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن چىنيەن خەۋىرى): باھاردا ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركىنىپ، ئۆرۈك چېچەكلىرى خۇش پۇراق چاچتى. «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» دەپ نام ئالغان يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتىدە ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئۆرۈك چېچەكلىرى. (يېڭىسار ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يۈ فېي فوتوسى)

  يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا سەيلە قىلغاچ، ئۆرۈك چېچەكلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان «شەھەرلىك مېھمان»لارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 

  «بۇرۇنلا يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى مەنزىرىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، بۈگۈن نەق مەيداندا ئاق رەڭلىك ئۆرۈك چېچىكى بىلەن يېشىل رەڭلىك بۇغداينىڭ بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، بۇ يەرگە كەلگىنىم بىكارغا كەتمەپتۇ» دېدى يان تېلېفونىنى ئېلىپ توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان شەندۇڭلۇق ساياھەتچى گاۋ چىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

  «مەن بايا تارتقان سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغانىدىم، ناھايىتى كۆپ دىيەنزەن ۋە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېدى بىر تەرەپتىن چېچەك سەيلىسى قىلغاچ، بىر تەرەپتىن دوستلار چەمبىرىكىگە توختىماي سۈرەت يوللاۋاتقان شەندۇڭلۇق ساياھەتچى سۇڭ لىنماۋ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۆرۈك چېچەكلىرى ھۈپپىدە چېچەكلىدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر چىرايلىق ياسىنىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلدى. (يېڭىسار ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يۈ فېي فوتوسى)

  نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسى يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. پۈتۈن ناھىيەنىڭ 150 مىڭ مو يېرىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلەپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يۇرتىنىڭ باھاردىكى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشتى.

  ئەمەلىيەتتە، ئۆرۈك دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلىگەن يېڭىسار ناھىيەسىدە، ئاجايىپ گۈزەل ئۆرۈك چېچىكى مەنزىرىسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان «يېڭىسار ساپال بۇيۇملىرى»، «يېڭىسار پىچىقى» ۋە گۈزەل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىمۇ بار.

  ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش خۇددى سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغاردى. «چېچەك سەيلىسى قىلىپ، ساپال بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، كېلەر قېتىم يەنە يېڭىسارغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى سۇڭ لىنماۋ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئۆرۈكلەر پىشقاندا، مەن يەنە دوستۇمنى ئېلىپ كېلىپ ئۆرۈك ئۈزىمەن.»

  يېڭىسار ناھىيەسى يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن، دالا كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ ياردىمىدە، ئىچكىرى رايوندىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى يېڭىسار ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتى تەرەققىياتى ئۆرۈك چېچىكىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بارغانسېرى موللاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى مول غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ موتورلۇق تۈرتكىلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىنى سىجىل موللاشتۇرۇپ، «ساياھەت +»دىن ئىبارەت يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  2020-يىلى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يېڭىسار ناھىيەسى يېزا-كەنت ساياھىتىدە 730 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 62 مىليون 520 مىڭ يۈەن ساياھەت كىرىمى قىلدى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە 150 مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈكلۈكتىن 40 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىپ، 140 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 76 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈكتىن قىلغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1200 يۈەندىن ئاشتى.

ئۆرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلەپ، ھەرىلەرنى شىرنە يىغىشقا جەلپ قىلدى. (يېڭىسار ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يۈ فېي فوتوسى)

  بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى بىرتۇتاش مەركەزلەشكەن ئۆرۈك دەرەخلىرى بىر يارقىن مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، بۇ ناھىيە ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۆرۈك چېچىكى كەنتى»گە ئايلاندى. «يېڭىسار ئۆرۈكى» قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خاس مەھسۇلات «ئىسىم كارتىسى»غا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى