تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

2021-يىللىق جۇڭگو . نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

   ئاپتور: جوۋ چيەن، شياۋ يىخۇڭ

     4-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2021 جۇڭگو . نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. 30 مىڭ مو يەردىكى ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈك چېچەكلەپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۆكلەم سەيلىسى، چېچەك تاماشاسى قىلىشقا جەلپ قىلدى، يەنە نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى باھاردىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

قارنى كۈتۈۋالغان ئۆرۈك چېچەكلىرى

  شۇ كۈنى، تۇيۇقسىز ياغقان قېلىن قار ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى. ئاپئاق قار جىلغىنى كۈمۈش رەڭلىك چۆچەك دۇنياسىغا ئايلاندۇردى، بالدۇر ئېچىلغان ھال رەڭ چېچەكلەر ۋە يېڭىلا ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپلەر ئاپئاق قاردا رومانتىك تۈس ئالغان باش باھار رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. چېچەك سەيلىسىگە قار-مۇز مەنزىرىسى قوشۇلۇپ، سىياھ رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.

ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  ساياھەتچىلەرنىڭ قار كېچىپ گۈل ئىزدەش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ قالمىدى. گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىن كەلگەن ساياھەتچى چېن سەيچۇننىڭ ئېرى بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى ئىدى. «گەرچە مۆلچەردىكى تاغ-دالىلارنى قاپلىغان ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرەلمىگەن بولساقمۇ، قار كۆرۈپ باقمىغان جەنۇبلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۇنجى قېتىم قاردا چېچەك تاماشاسى قىلدۇق، بىز بۇنىڭدىن يېڭىلىق ھېس قىلدۇق، ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، كەيپىياتىمىزمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى. چوقۇم يازدا يەنە كېلىپ بوشلۇق يايلىقى ناراتنى كۆرىمىز» دېدى چېن سەيچۇن.

  «قاراڭلار، يىراقتىكىسى دەل نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى، بىردەمدىن كېيىن سىلەرنى باشلاپ بارىمەن» «تورداشلارنىڭ ماختىغىنىغا رەھمەت، بۈگۈن سىلەرگە قار ئۇچقۇنداۋاتقاندا چېچەكلىگەن ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرسىتىمەن» «بىر ھەپتىدىن كېيىن تولۇق چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرىدۇ، كەلمەكچى بولغانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار»... توردا مىليونلىغان مەستانىسى بار تور دارېنى «يىڭجې ۋۇجياڭ» يول بويى ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ مېڭىپ، بىر تەرەپتىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە تورداشلارنىڭ مەنزىرە رايون توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بەردى. شۇ كۈنى ئۇ ئېلان قىلغان نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى توغرىسىدىكى سىننىڭ كۆرۈلۈشى 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئىككى مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى ياغاچ ئاسما يولدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلانغان كۈنى جەمئىي 7229 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر %56نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن؛ شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر %44نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، جياڭسۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى