تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئۇچقات تېرىپ، يەردىن «ئالتۇن-كۈمۈش» ئېلىش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچقات خاس كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. يېقىندا، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى چىسېرىق كەنتى كەنت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچقاتنى كېڭەيتىپ تېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى چىسېرىق كەنتىدىكى ئۇچقات كۆچۈرۈپ تىكىش نەق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇچقات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىك يەر تۈزلەش، چۆنەك تارتىش، تۆشۈك تېشىش، كۆچۈرۈپ تىكىش، توپا يۆلەش، سۇغىرىش ئىشلىرىنى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ باردى، يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، تۈپ-تۈپ ئۇچقات مايسىلىرى چىسېرىق كەنتىگە تىكىلدى. ئۇچقاتنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، يەنە ناھىيەدە سېتىۋالىدىغان كارخانىلار بولغاچ سېتىشتىن غەم قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى شەمشىقەمەر توختى ئائىلىسىنىڭ 60 مو يېرىگە ئۇچقات كۆچۈرۈپ تىكتى.

  شەمشىقەمەر توختى مۇنداق دېدى: «ئۇچقاتنىڭ چىقىمى ئاز، كىرىمى يۇقىرى، مەن ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.»

  ئىگىلىنىشىچە، چىسېرىق كەنتى بۇ يىل 500 مو يەرگە ئۇچقاتنى كېڭەيتىپ تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، «بىرتۇتاش تېرىش، دېھقانلار ئۆزلىرى پەرۋىش قىلىش، تېخنىكلار يېتەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق پەرۋىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇچقات خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، يوپۇغا ناھىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇش، كۆلەملەشكەن كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ خاس ئۇچقات تېرىقچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئاساس سالىدىكەن.

  چىسېرىق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاھىرجان ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە <ئۈچ مېۋە، بىر گۈل> تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، كەنتىمىز بۇ يىل 500 مو ئۇچقات تېرىشنى پىلانلىدى. ئالدىنقى مەزگىلدە بىز قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يەرنى تۈزلىدۇق، بۇ ئىككى كۈندە ھاۋانىڭ ياخشى پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇچقاتنى كۆچۈرۈپ تىكىمىز. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز ئىلمىي مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىكنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئاساس سالدۇق.»

  (مۇخبىر ئەخمەتجان ئابدۇغېنى)

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى