ئاپتور: جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى ئەتىيازدا يەنە بىر قېتىملىق قارنى كۈتۈۋالدى، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆرۈك چېچەكلىرى ئاپئاق قار بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ، ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە بولدى. ئەتىسى، قاردىن كېيىن ھاۋا ئەمدىلا ئېچىلغاندا، قىزىل، ئاق، يېشىل رەڭلەر ئارىلاش تاغ جىلغىسى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى