ئاپتور: لى جىڭخەي، خۇ گوكەي
3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيە بازىرىدىكى بەيياڭخې دەرياسى بويىدا توپ-توپ ئاققوتان، غار-غار ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى دەم ئېلىپ، ئوزۇق ئىزدەپ، ئۇچۇپ يۈرەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بەيياڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ھازىر بەيياڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا زۇمرەتتەك سۇلار چايقىلىپ تۇرىدۇ، دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ، تۆت پەسىلدە گۈللەر ئېچىلىپ، بېلىقلار سەكرىشىپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، ئېكولوگىيەسى ئىناق بولغان گۈزەل يۆگىمە رەسىم كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: توقسۇن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، توقسۇن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى