ئاپتور: خې خۇڭشيا
باھار شامىلى زېمىننى ئاستا-ئاستا يېشىللىققا پۈركىدى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى يەنە بىر قېتىم زور تۈركۈمدىكى ياۋا غازلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار تىيانشان تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھاۋادا «人» خېتى شەكلىدە سەپ تارتىپ ئۇچۇپ كېلىپ، توپ-توپ بولۇشۇپ بۇغدايلىقلاردا ئەركىن ئوزۇقلۇق ئىزدىدى.
كۆك غاز ياۋا غازنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بەدىنى چوڭ ھەم سېمىز، تۇمشۇقى، پۇتى سۇس قىزغۇچ سېرىق، ئۈستۈنكى بەدىنى كۈل رەڭ قوڭۇر، ئاستىنقى بەدىنى سۇس ئاق رەڭدە بولۇپ، ئۇچقاندا ئىككى قانىتىنى كۈچەپ ئۇرىدۇ. كۆك غازنىڭ كۆچۈش ئادىتى بولۇپ، كۆچۈش ئارىلىقى نىسبەتەن يىراق، توپلىشىپ ياشايدۇ، ئۇچقاندا تەرتىپلىك سەپ تۈزۈپ، بەزىدە «一» خېتى شەكلىدە، بەزىدە «人» خېتى شەكلىدە ئۇچىدۇ. بىز بىرلىكتە شىمالغا قايتقان بۇ كۆك غازلارنى كۆرۈپ باقايلى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى)