تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلىش قەھرىمانلار - قۇربانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش

 دەي لى

ئۇرغۇپ تۇرغان قەھرىمانلىق جاسارىتى ئۇزاققىچە ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەپ تۇرىدۇ. چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش چوڭقۇر ھەم كەسكىن بولىدۇ. بۇ پەيتتە بىر مەيدان زامان - ماكان ھالقىغان قەلبتىن سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ، ئۇرۇش ئوتى ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش. ئىنقىلابىي قۇربانلار ھاياتى بەدىلىگە «سادىق قەلب بولغاندىلا، ئۇلۇغۋار روھنى بىپايان زېمىنغا تارقاتقىلى بولىدۇ»نى تاللىدى ھەم ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ دۇنيادا قالدۇرغىنى ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە قىيالماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى ئەڭ قىزغىن ئۈمىد ۋە ئارزۇ ئىدى. فاڭ جىمىن «سۆيۈملۈك جۇڭگو» دېگەن ئەسىرىدە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان؛ جياڭ ھەدىنىڭ بالىسىنى ھاۋالە قىلىش خېتىدىكى ھەربىر خەت قان ۋە ياشتىن پۈتۈلگەن. شيا مىڭخەن قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى مەردانىلىك بىلەن «بېشىمنى كەسسىمۇ چاغلىق كارايىتى، پەقەت ئېتىقادىم بولسىلا چىن ۋە ھەقىقىي» دېگەن، چۈ چيۇبەي سالماقلىق بىلەن ئۆلۈمگە ئاتلىنىپ «بۇ يەرمۇ بولىدىكەن» دېگەن... ھايات پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، بىراق ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

مۇشۇنداق سۆزلىشىشلەردە، بىز ئېتىقادتىكى سادىقلىق، تىز پۈكمەسلىكنى ھېس قىلدۇق. قىزىل قەلب تاڭ نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇ غايىنى قۇچاقلايدىغان گۈلخان، سەپەرنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان مەشئەل. ئۇلار ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مىڭ ئۆلسىمۇ پۇشايمان قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى مەڭگۈ ئۆزگەرمىدى.

مۇشۇنداق سۆزلىشىشلەردە، بىز ئېتىقادنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق. ئەسلىي مەقسەت ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، ئۇ تۇپراقنى يېرىپ، يىلتىز تارتىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىپ، مېۋە بېرىپ، ھاياتلىقتا ئۇرۇق قالدۇرىدۇ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

مۇشۇنداق سۆزلىشىشلەردە، بىزنىڭ قەلبىمىز تاۋلاندى ۋە ئوزۇقلاندى، ھەممىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، بىز ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، خىسلىتىمىزنى ئۆزگەرتمەي، بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. يېڭى مۇساپىدە بىز تارىخ بىلەن سۆزلىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدۇ»غانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە چۈشەندۇق؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ بارلىق كۈرىشى ۋە تۆلىگەن بەدىلىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى بىرلىكتە ئىسپاتلىدۇق.

ئىنقىلابىي قۇربان چيۇ گۇخۇەي مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان: «غەلىبە قىلغان چاغدا، بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!» بۈگۈنكى كۈندە، گۈزەل تاغ - دەريالار قەھرىمانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بولالايدۇ، بىز ھەر قېتىم جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندە، ئاشۇ مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىقنى ۋە قەھرىمانلارنىڭ مەردلەرچە قۇربان بولغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز. يېڭى دەۋردە داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش قەھرىمانلار - قۇربانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.