تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون چىڭمىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا چىڭمىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا چىڭمىڭدا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ خەيجياڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن بولۇپ، قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى ئوراپ تۇرغان خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

چاسا سەپنىڭ ئالدىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى نامىدا تەقدىم قىلىنغان يەتتە گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى. گۈل سېۋىتىدىكى قىزىل لېنتىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەھرىمانلار - قۇربانلارغا بولغان چەكسىز سېغىنىشى ۋە ئالىي ئېھتىرامى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»غا ئەگىشىپ، 14 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى سىلىق كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ خەيجياڭ قاتارلىقلار ئاستا قەدەم بىلەن پەلەمپەيدىن مېڭىپ، ئۇل تەكچىگە چىقىپ، قەدىمىنى توختىتىپ زەن قويۇپ قارىدى، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن ۋۇ ماۋلىن، لىن جىلۇ، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، چياۋ گوجېن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ياد ئەتتى.

گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، «تىيانشان ئابىدىسى» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ماتېرىياللار، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ، قالتىس كۈرەش مۇساپىسىنى خاتىرىلىگەنىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇزاققىچە زەن قويۇپ قاراپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قەھرىمانلار - قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ ۋە دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلار جېنىنى پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قولغا كەلتۈردى. قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ بەنزىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.