تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز شىنجاڭ پاختىسىنىڭ <ناھايىتى ئالدىراش> ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، لى شىڭ

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاقسۇ شەھىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، تەييار مەھسۇلات سېخىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش ئورنى يارىتىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

«شىركەت %100 ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ پاختىسى ئىشلىتىدۇ، كېۋەز تېرىش، پاختا پىششىقلاش، سودىلىشىشتىن تارتىپ بوياش، رەڭلىك يىپ ئېگىرىشكىچە يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.» ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020-يىلى شىركەت 2 مىليارد 480 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، سېتىش كىرىمى 1 مىليارد 822 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان قاتار-قاتار يىپ ئېگىرىش ماشىنىلىرىنى كۆرۈپ، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 3-كاتىپى مومسېن باگلېي ماڭغاچ سىنغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭ پاختىسىنىڭ <ناھايىتى ئالدىراش> ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، كارخانىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ».

ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پات-پات ماشىنىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. «بۇ پاختا پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرى ھەقىقەتەن ئىلغار ئىكەن!» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنال ئاكرام.

«كارخانىدا قانچە ئىشچى-خىزمەتچى بار؟ بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانداق قوبۇل قىلدىڭلار؟» زاۋۇت بىناسىنىڭ سىرتىدا، نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى كاسار كىشروي شۇنداق سورىدى.

«نۆۋەتتە كارخانىدا 5000غا يېقىن ئىشچى-خىزمەتچى بار. كارخانا ئىشچى قوبۇل قىلغاندا ئۆز ئالدىغا ئىشچى قوبۇل قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇپ ئىشچى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلنى قوللىنىدۇ، ياشلار ئېلان ئارقىلىق كارخانىلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ياكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. بىز دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نورمال دەم ئېلىنىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قەتئىي كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى كارخانا مەسئۇلى.

«ئۇلارنىڭ كىرىمى قانداقراق؟» «ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3400 يۈەن ئەتراپىدا، تېخنىكىغا پىششىق بەزى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 6000 يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى كارخانا مەسئۇلى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاشخانا ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتكە ئايرىلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كارخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقىغا كاپالەتلىك قىلالايتتى. «يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاشتىن قورۇما تۈرلىرىنى تەييارلاش، تاماق تىزىملىكىنى تۈزۈشكىچە، بىردەك شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قۇۋۋەتلىك، ساغلام ئوزۇقلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى» دېدى كارخانا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ياتاق شارائىتىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن» دېدى ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنال ئاكرام.

ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى باتېر تۇرسۇنوۋ مۇنداق دېدى: «توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى يۈكسەك دەرىجىدە ئاپتوماتلىشىپتۇ، بىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، كارخانىنىڭ تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى كۆردۇق. كارخانىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز».

نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماخىندىرا باھادىر پاندى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندا، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر قىسىم گەپ-سۆزلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمىدى، مەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن باشقىلارنى بەھرىلەندۈرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.