تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي شىنجاڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، گۈزەل ئىكەن

− شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر

3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى.

نەچچە كۈن ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ ئۈچ جايغا بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بازار ئايلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىپ، مەسچىتلەرگە كىرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

ۋىلادىمىر نوروۋ ۋە كۆپ دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «كۆرگەنلىرىمىز ھەقىقىي ئەھۋاللار»، قىسمەن دۆلەتلەر ئەيىبلىگەن ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» «دىنىي كەمسىتىش» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» شىنجاڭدا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» تېخىمۇ بىمەنە سەپسەتە ئىكەن.

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن

بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى. لېكىن، قىسمەن دۆلەتلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى. ئەمەلىي ئەھۋال زادى قانداق؟

3-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچىگە كەلدى، تۇنجى بېكەتتىلا «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە، كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇراتتى.

<<نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالار ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، غەربتىكى بەزى تاراتقۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرمەسكە سالدى، پاكىتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.» ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد كېشاۋارزىزادە باش تېما كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، كەيپىياتى ئۇزاققىچە تىنچلانمىدى. «ئىران خەلقىمۇ تېررورىزمنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەت مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەك».

«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش نەتىجە-ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بوپتۇ». نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماخىندىرا باھادىر پاندى مۇنداق دېدى: شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو تەرەپ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان، يېنىكرەك جىنايى قىلمىشى بار ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ تېررورىزم پائالىيىتىنى يۈزبېرىشتىن بۇرۇن، بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى يېڭى تۇرمۇشقا قۇچاق ئېچىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپتۇ، بۇ خىل ئۇسۇل تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

قەشقەر شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەكتىپىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى گۈلمىرە ئەزھەرنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەر ئايدا ئىشلەپ 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ، تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «جازا لاگېرى» بىمەنە سەپسەتىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ.

«شىنجاڭنىڭ تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلىرى يۈكسەك تەرىپلەشكە ئەرزىيدىكەن، پۈتكۈل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپتۇ» دېدى ۋىلادىمىر نوروۋ.

شىنجاڭ ئىشلىگەن بارلىق ئىشلار ئوچۇق-ئاشكارا، سەمىمىي ئىكەن

ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل يۈكسەلدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەندى، دىنلار ئېجىل-رايىش بولدى، لېكىن قىسمەن دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار پاكىتغا كۆز يۇمۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىت، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتارلىق جايلاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەسچىتنىڭ چوڭ سارايلىرىنىڭ پاكىز، ئازادە، كەڭرى ئىكەنلىكى، تەرەت ئېلىش ئۆيى، ئاشخانا، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ پاكىتلار بىر قىسىم غەرب سىياسەتۋازلىرىنىڭ شىنجاڭغا چاپلىغان «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى» دېگەن تۆھمەتلىرىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.

پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن خاك مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپتۇ، مەسچىتلەرگە سەپلەنگەن ئەسلىھەلەر ناھايىتى تولۇق بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئانچە چۈشەنمەي، جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە قارىتا كەلسە-كەلمەس بىلجىرلىدى. شىنجاڭ ئىشلىگەن بارلىق ئىشلار ئوچۇق-ئاشكارا، سەمىمىي ئىكەن، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى 11 كەنتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بۇ يەردە ئوقۇيدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مەكتەپكە كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «سىنىپ، ياتاق شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە قونۇش-قونماسلىقنى ئەركىن تاللىسا بولىدىكەن.» ئەرمىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرگېي ماناسارىيان مۇنداق دېدى: مەن يەنە بىر ئىنچىكە ھالقىغا دىققەت قىلدىم، سىنىپ، ياتاقلارغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، خالىغانچە سۈرەتكە، فىلىمگە تارتقىلى بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارا ئىكەن. ئاتالمىش «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە مەجبۇرىي ئوقۇتۇپ، قان-قېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋېتىش» ئەھۋالى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە قىسمەن خەلقئارا ماركىلار پاختىنى باھانە قىلىپ ئىش تېرىپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ بوھتان چاپلىدى. ئاقسۇدىكى بىر پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، پاكىز، رەتلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى، مول، قۇۋۋەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر تامىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىغا شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى. «بۇ يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۈكسەك ئاپتوماتلىشىپتۇ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ناھايىتى ياخشى بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن» دېدى ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى باتېر تۇرسۇنوۋ.

تەلىم-تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد كېشاۋارزىزادە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شىنجاڭدا كۆرگىنىمىز ھەرگىزمۇ <ئىرقىي يوقىتىش>تىن ئىبارەت زوراۋانلىق قىلمىشى بولماستىن، بەلكى <نامراتلىقنى تۈگىتىش> جەھەتتىكى تىرىشچانلىق بولدى. دەل مۇشۇنداق تىرىشچانلىق بولغاچقىلا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ.»

رەڭدار مەدەنىيەتنى ھېس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى ئالقىشلاش

بىرقانچە كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيەدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ تىرىشىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مول تارىخىي جۇغلانمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى. «بۇ يەردە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت ئىكەن، جايلار تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپتۇ، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەر ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپتۇ، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى» دېدى تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زاھىر ئازاد سەئىدزادە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مالدىۋېنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى سۇباخ رەشىد مۇنداق بىلدۈردى: «بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىقىمىز ۋە بىلگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپتۇ، بۇنى ئىنتايىن ماختاشقا ئەرزىيدۇ».

ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ ئىگەرچى كەنتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «بىز بىر ئائىلىۋى ئاشخانىغا باردۇق، ساھىبخانا ئىنتايىن قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، ئۇ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەن.» پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن خاك مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىز مەيلى قەيەرگە بارايلى، ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ھېس قىلدۇق.

«ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ.» رۇسىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى ئىۋان رېروخوۋېتسېۋ مۇنداق بىلدۈردى: «غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلىرى بىزنىڭ شىنجاڭغا بولغان كۆز قارىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، مەن ئۇلار تەسۋىرلىگەن ئاشۇ ئىشلارنى بايقىمىدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنى شىنجاڭنى بىۋاسىتە چۈشىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت».

مېڭىش ئالدىدا، مۇھەممەد كېشاۋارزىزادە ئىران باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيبوسىدا مۇنداق سۆز قالدۇردى: گۈزەل شىنجاڭدا ھەربىر مېھماننى «ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى»گە ئايلاندۇرغۇدەك سېھرىي كۈچ راستتىنلا بار ئىكەن. ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بۇ تۇپراقنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل قىياپەتكە كىرىشىنىڭ كەينىدە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇنتۇلغۇسىز شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، قىزغىن، مېھماندوست شىنجاڭ خەلقىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، شىنجاڭغا بەخت تىلەيمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.